خىتاينىڭ «قەھرىمانلار» تىزىملىكى ج خ مىنىستىرلىق تورىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى، سەۋەبى نامەلۇم

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.04.19
olgen-saqchi.jpg خىتاي ج خ تارماقلىرى 1-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر رايونىغا تەۋە 33 نەپەر ساقچىنىڭ 17 نەپىرى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.
mps.gov.cn

بۇ يىل 4-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2015-يىللىق قەھرىمانلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. تىزىملىكتىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئاشكارىلانمىغان قىسىملىرى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ئارىدىن 18 كۈن ئۆتكەندە مەزكۇر قەھرىمانلار تىزىملىكى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ تىزىملىك ھەققىدىكى بۈگۈنكى پروگراممىسىغا پىكىر قاتناشتۇرغان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ساقچىلىرىغا قارىتا ئىشەنچسىزلىكى بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر تىزىملىكنىڭ توردىن ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلدى.

خىتاينىڭ «2015‏-يىللىق ساقچى قەھرىمانلار تىزىملىكى» دە 17 نەپەر ئۇيغۇر، 14 نەپەر خىتاي، بىر نەپەر تۇڭگان ۋە بىر نەپەر قازاق خادىم ئورۇن ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندا بولۇشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ سانلىقنى ئېگىلىشىدەك بۇ سىرلىق ئەھۋال ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، خىتاي ساقچى باشلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ساقچىلارغا ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى پاكىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ساقچىلىرى گەرچە سەپنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك، خىتايغا بولغان ساداقەت جەھەتتە ھەر ۋاقىت گۇمان ئوبيېكتى؛ خىتاي ساقچى باشلىقلىرىدىكى مانا بۇ گۇمان مەزكۇر قەھرىمانلارنىڭ ئۆلۈم سىرىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرەلمىسىمۇ، ئۆلۈم سەۋەبلىرىنى رېئاللىقتىن چەتنىمىگەن ھالدا تەخمىن قىلىشقا بىر پاكىت.

بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ 33 نەپەر قەھرىمانىنىڭ ئەمدى تېخى 6 نەپىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۈستىدە يەرلىك ئورۇنلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن ۋە قالغانلىرى ئۈستىدە ئېنىقلىشىمىز داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ج خ مىنىستىرلىقى مەزكۇر تىزىملىكىنى ئۆز تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋەتتى.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەت يۈز بەردى، يەنى خىتاي يوشۇرۇپ ئۆتۈپ ئۆتكەن ۋەقەلەر، چالا خەۋەر قىلغان تەپسىلاتلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

يولۋاس ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ بۇ «قەھرىمانلار تىزىملىكى» نى ئۆچۈرۈشىدىكى سەۋەب، تىزىملىكتىكى «قەھرىمان» دېگەن بۇ نام بىلەن ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئارىسىدىكى ماسلاشماسلىقنى كېچىكىپ ھېس قىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ج خ سىستېمىسىدا قەھرىمانلار ئىش-ئىزلىرىغا ئاساسەن تاللانماستىن، بەلكى يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن سانغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ بېكىتىش ۋە تەيىنلەش ئۇسۇلى يىللاردىن بېرى، خىتاي ج خ تارماقلىرىدىلا سۈنئىي قەھرىمانلىرىنىڭ سېپىنى شەكىللەندۈرگەن.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مانا بۇ قەھرىمانلارنى بېكىتىش ئۇسۇلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئاكتىپ ھالغا ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە تەشۋىقاتچىلىقتا ئاقماس ھالغا كەلگەن، بۇ ئەھۋال مەزكۇر قەھرىمانلار تىزىملىكىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىدىن مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.