«1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» سىپرۇستا ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.03.01
sherqiy-turkistanliqlar-2017-uchrishish.jpg سىپرۇستا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشى» نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار. 2017-يىلى 27-فېۋرال، شىمالىي سىپرۇس.
RFA/Erkin Tarim

«1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 25-فېۋرالدىن 27-فېۋرالغىچە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدىكى لوردس پالاس مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان بۇ ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 12 دۆلەتتىن 19 كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشى ۋە ئۇ پەيدا قىلىدىغان ئىجابىي-سەلبىي تەسىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك چارە-تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇ يىغىننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى ئالدى بىلەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غايىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەم بۇنىڭغا يېتىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا تەييارلىغان ئۈچ قەدەملىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن، ئۇچرىشىش ئەھلى ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىش يولى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەتىسىدىكى، يەنى 26-فېۋرال كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا بۇ ئۇچرىشىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۈچ كۈنلۈك ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز بىر قىسىم ئۇچرىشىش ئەھلىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

گېرمانىيەدىن كېلىپ بۇ ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەدىن كېلىپ بۇ ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىمۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا ئىشلىرىنى تۈرلۈك پىكىرلەر ۋە ئىلمىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ھەم ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىدىن رازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كانادادىن كېلىپ، ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ھەر خىل كۆز قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزئارا كۆز قاراش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ۋە ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدىن كەلگەن سىياسىي پائالىيەتچى ئەسقەرجان ئەپەندى يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋا پائالىيەتلىرى ئۈچۈن يول كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان گىرنە شەھىرىدە 3 كۈن داۋاملاشقان «1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشقانلا ھېچ قانداق سىياسىي تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلمايدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە قىلىشى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، خۇلاسە چىقىرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.