شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇش يولىنىڭ ئېچىلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كوچىدىكى تامغا قويۇلغان سۈرىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر. 2018-يىلى 26-فېۋرال، بېيجىڭ.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كوچىدىكى تامغا قويۇلغان سۈرىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر. 2018-يىلى 26-فېۋرال، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 1982‏-يىلى ماقۇللانغان ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلدى. مەزكۇر لايىھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتا ئۇنىڭ 79-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدۇر. يېڭى ئاساسى قانۇن تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ مەزكۇر ماددىسىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ 2 نۆۋەت ھوقۇق تۇتۇش بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنغان.

خىتاينىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى بويىچە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا 2‏-قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، يەنە 5 يىل ھوقۇق تۇتۇش ۋاقتى بار. ئەمما چەتئەل ئاخباراتى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە 2 نۆۋەت ھوقۇق تۇتۇش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى شى جىنپىڭنىڭ 2023‏-يىلدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشىنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاي كومپارتىيەسى 1976‏-يىلى ماۋ زېدېڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ھوقۇقنىڭ بىر ئادەمگە مەركەزلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي سىياسىي ھاياتىدىكى «زور چېكىنىش» ئىكەن. ئۇ، بۇنىڭ خىتايدا «قالايمىقانچىلىق» ۋە «سىياسىي مۇقىمسىزلىق» پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: ئەلۋەتتە بۇ بىر ئارقىغا چېكىنىش. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھاتنى باشلىغاندا نىسبەتەن ئىلغارلىق، دەپ قارالغان بىر ئادەم مەڭگۈ رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشتەك سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان. ئەمما ھازىر ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر ئادەم مەڭگۈ ھوقۇق تۇتىدىغان سىياسىي ھالەتكە قايتىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بىر تارىخىي چېكىنىشتۇر. ھالبۇكى، بۇ تارىخىي چېكىنىش پۈتۈن خىتاي خەلقىنىڭ ئورتاق پىكرىسىز، كۆپچىلىك بۇنى قوللىمايۋاتقان ئەھۋالدا، پۈتۈنلەي شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇققا بولغان شەخسىي ئارزۇسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان بىر سىياسىي چېكىنىشتۇر. بۇ چېكىنىش خىتايدا قالايمىقانچىلىق ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

شى جىنپىڭ دەۋرى خىتايدا «خەن مىللەتچىلىكى» كۈچەيگەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئەڭ ئېغىرلاشقان، مۇئامىلىسى ئەڭ قوپال بىر دەۋر. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دەۋرىدە چېن چۈئەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، مەزكۇر رايون «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى. بۇ دەۋردە يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى. دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانى كەرىم، دىنىي كىتاب، دىنىي بۇيۇملارنى ساقلىشى، دىنىي قىياپىتى، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىندى. ئومۇميۈزلۈك گېن ئامبىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا قوللىنىشقا باشلىدى. «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى سەرخىللەر ئومۇميۈزلۈك قامالدى.

بۇ ئەھۋاللار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ۋە بەزى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلىپ كەلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق خادىمى پېتېر ئىرۋىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭغا داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇش يولىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى» دەك قىلمايدۇ.

پېتېر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشىدۇر. بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىدەك كۆرۈنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا بۇ يول ئېچىلسا ئۇنىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان مېخانىزم قالمايدۇ. بىز ئۆتكەن 4 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن دراماتىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى، تەقىب قىلىش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى قىسىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىدە شاھىت بولدۇق. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇش يولىنىڭ ئېچىلىشى خىتاي ئۈچۈن چوڭ مەسىلە. بىراق، بىز بۇ يەردە پەقەت ئۇيغۇرلارغا نېمە بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ پۈتۈن خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بەزى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى».

چېن كۇيدې ئەپەندى خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى يۇقىرىقى ئۆزگىرىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ياخشىلىق» ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىدا پېتېر ئېرۋىڭ بىلەن ھەمپىكىر. چېن كۇيدېنىڭ قارىشىچە، بۇ لايىھەنىڭ ماقۇللىنىشى ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «بۇ لايىھە ماقۇللانسا ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم كۈچىيىپلا قالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدىكى خەۋپسىرەش تۇيغۇسى بۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا ئۇ زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ قىپيالىڭاچ يۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ ئاشكارە كۆرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىندى. شۇڭا، كىشىلەر بۇ دەۋرنىڭ تېخىمۇ زۇلمەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ھەممىسى شۇ نەرسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالدى».

پېتېر ئېرۋىڭنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇش يولىنى ئېچىشتا دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەن.

پېتېر ئېرۋىڭ: «ناھايىتى روشەنكى، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى خىتاينىڭ بۇ يولغا مېڭىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت. چۈنكى، ئۇلار ئامېرىكىدا، شەرقىي ياۋروپادا، تۈركىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرماقتا. بۇ دۆلەتلەردە كۈچلۈك كىشىلەر ۋە رەھبەرلەر ھوقۇققا ئولتۇردى. ئۇلار ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆز جەمئىيىتىدىكى خەلقلەرنى ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار، دىنىي ئاز سانلىقلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، خەلقنى ئۇلارغا قارشى قوللانماقتا. خىتاي پولشا ياكى ئاۋسترىيەدىكى رادىكال ئوڭچىلاردەك خەلقنىڭ بېلەت تاشلاپ سايلىشىغا ئېھتىياجلىق دېموكراتىك دۆلەت بولمىسىمۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىيىتى پەرقلىق دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ دۇنيادىكى يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرماقتا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانماقتا» دېدى.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 1982‏-يىلدىكى ئاساسىي قانۇندا كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنىڭ ماۋ زېدوڭغا ئوخشاش بىر ئادەمگە مەركەزلىشىپ قېلىشى ۋە شەخسلىك، ئۆمۈرلۈك ھوقۇق تۇتۇشىغا چەكلىمە قويغان. دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە بولسۇن، خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زېياڭلارنىڭ ۋاقتىدا بولسۇن ۋە ياكى جاڭ زېمىن، خۇ جىڭتاۋلارنىڭ دەۋرىدە بولسۇن خىتاي كومپارتىيەسى ئىزچىل بۇ پرىنسىپنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن، چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىم يۇقىرىقى چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى كومپارتىيەنىڭ ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھوقۇق ئالمىشىشنى تۈزۈملەشتۈرەلمەسلىكتەك ئەجەللىك ئاجىزلىقنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. ئۇ، كومپارتىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «كومپارتىيە ھوقۇقنى تاپشۇرمىغىچىلىك ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىشى ئىمكانسىز. كومپارتىيە ھوقۇققا بولغان مونوپول خاراكتېرلىك كونتروللۇقنى تۇتۇپلا تۇرسا، ئۇ بۇنى مەڭگۈ ھەل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل ھوقۇق ئالمىشىش مېخانىزمى ھېچقاچان مۇقىم بولۇپ باقمىدى. ئۇنىڭدا ھەر قېتىم ھوقۇق ئالماشسا سۇيىقەست قىلىش، سىياسىي ئۆزگىرىش ياساش ياكى ھەر خىل ۋەقەلەر يۈز بەرمەي تۇرۇپ ھوقۇق ئالمىشىپ باقمايدۇ. شۇڭا، كومپارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى ئۇنىڭ تۈزۈمىدىكى بىر راك كېسىلى. ئۇ بۇنى ئۆزى يېڭىپ كېتەلمەيدۇ»

1982-يىلدىكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 79-ماددىسىنىڭ 3 تارمىقىدا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۇدا 2 قېتىمدىن ئارتۇق سايلىنىشقا بولمايدۇ» دەپ بېكىتىلگەن ئىدى. لېكىن، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تۈزىتىش لايىھەسىدە «رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خىل قۇرۇلتىيى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ» دېيىلگەن، «ئۇدا 2 قېتىمدىن ئارتۇق سايلىنىشقا بولمايدۇ» دېگەن قىسمى چىقىرىپ تاشلانغان. ھەر نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى بەش يىل بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى 10 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت