خىتاي 4-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نى 23-سېنتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭدا ئېچىشقا باشلىدى. ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش مۇدىرى يۇ جىڭشېڭ باشلىق كاتتىۋاشلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا قويغان پارتكوم باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە يەنە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ رەھبەر ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ 190 كىشى قاتناشقان.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ تارىخىي ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك، ئېنېرگىيە مەنبەلىك ئەۋزەل شارائىتىدىن، شىنجاڭغا قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ غەربكە يۈرۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي رايونلاردىكى ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىش تېپىشقا يېتەكلەشكە ئوخشاش سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تەكىتلەنگەن.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ چاقىرىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىكىگە قارىتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسى قانداق؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.