شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2015-يىللىق پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، 2016-يىلى ئېلىپ بارماقچى بولغان يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇل خىزمەتلىرىنى بېكىتتى.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يىللىق يىغىنى 2016 يىلى 9 يانۋار شەنبە كۈنى كەچتە جەمئىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا دائىمىي ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى قاتناشتى.
يىغىندا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان سايلىمىدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن 5-نۆۋەتلىك رەئىسلىككە سايلانغان ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى 2016 يىلى ئېلىپ بارماقچى بولغان يىللىق پىلان لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2006-يىلى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مائارىپى، تىل-يېزىقى، ۋە باشقا مەدەنىيەتلىرىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قوغداپ داۋاملاشتۇرۇشنى مەركەز قىلغان، دىنىي مائارىپ بىلەن مىللىي مائارىپقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭى ئۇسلۇب بىلەن خىزمەت ئىشلەشنى ئۆزىنىڭ مىزانى قىلغان، ئىدىيە جەھەتتە ساغلام ۋە مۆتىدىل ئىسلام ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان، سىياسىي ئىشلاردا دېموكراتىيە-خەلقچىللىقنى تەشەببۇس قىلغان، ئۆز ئالدىغا تەربىيىۋى تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات خەلقئارالىق نىزامنامىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا 2006-يىلى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تەشكىللىنىشىدە شىۋېتسىيەنىڭ مەركىزى سىتوكھولمدا قۇرۇلغان.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيەدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان ۋە ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئارقىلىق، شىۋېتسىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن قانۇنلۇق تەشكىلات.
بۇ تەشكىلات 2010-يىلى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى 8 پارتىيە بىرلىشىپ قۇرغان «شۋېتسىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان.
2009-يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيەدە خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشلارنى ئىزچىل تەشكىللەپ كەلمەكتە.
2012-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ شىۋېتسىيەدە پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۇتاش ھالەتتە پاناھلىقى قوبۇل قىلىنىشىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق تەكلىماكان ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەخمۇت قەشقىرى ئانا-تىل مەكتىپىمۇ شىۋېتسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدا تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن دىنىي ۋە ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بىز ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىي بەختىنسا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
بەختىنسا خانىم ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ 10يىل جەريانىدا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىي،سىياسىي،ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ئىزچىل خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان چوڭلاردىن مۇرات ئاختام ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنى بىر يەردە جەم بولۇپ ئوقۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرچە خۇتىبىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى 2016-يىللىق ئاساسلىق تۈردە ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ:
«بىرىنچىدىن، تەشكىل ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئانا تىل ۋەدىنىي ساۋات ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىككىنچىدىن، شىۋېتسىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچىدىن، شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار تەۋەلىكىدە بولغان مەسچىت بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قوللاپ قۇۋەتلەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىمىز» دېدى.