قەشقەردىكى داڭلىق سودىگەرلەردىن 4 نەپىرىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.04
abdujelil-haji قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىم
ئوقۇرمەن تەمىنلىگەن

قەشقەردىكى بىر پايلاقچىنىڭ «تەربىيە» لىنىۋاتقانلار ھەققىدە پاش قىلغانلىرى (1)

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىم قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى باي سودىگەرلەرنىڭ 4 نەپىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى5‏-ئايدا تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكىنى رادىيومىزغا مەلۇم قىلدى. ئىگىلىنىشىچە،  تۇتقۇنلار ئارىسىدا خەلقئارالىق مال يۆتكەش (توشۇمىچىلىق) شىركەتلىرى بىلەن روناق تاپقان ئابدۇجېلىل ھاجىمدىن باشقا قەشقەر يېڭىبازاردىكى ئېمىن سودا سارىيىنىڭ ساھىبى غېنى ھاجى، ئېزىز دىيار سودا سارىيىنىڭ ساھىبى مەمەت تۇرسۇن ھاجى، ئىبن سىنا چىش داۋالاش ئورنىنىڭ ساھىبى ئىمىن ھاجى قاتارلىقلار بار ئىكەن. يوقىرىقى ئۇچۇرلار 41 يىللىق كومپارتىيە ئەزاسى، قىزىل ئاكتىپ ۋە تەجرىبىلىك پايلاقچى، قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۇيغۇر سودا-كارخانىچىلارنىڭ مۇھىم نىشانلاردىن بىرى بولغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، قەشقەردە تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن ئالدىنقى قاتاردىكى سودا-كارخانىچىلاردىن 4 نەپىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ ئاڭلىغچىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر بىلەن قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈك توشۇش مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان، قەشقەر، يەكەن ۋە ئۈرۈمچىلەردە يەر مۆلكلىرى بولغان، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىم 18 يىللىق كېسىلگەن.

قەشقەردىكى ئىمىن سودا سارىيىنىڭ ساھىبى غېنى ئىمىن، ئەزىز دىيار سودا سارىيىنىڭ ساھىبى مەمەت تۇرسۇن ھاجىملار 8 يىللىقتىن كېسىلگەن. قەشقەردە ئىبنى سىنا چىش دوختۇرخانىسىنى بىنا قىلغان ئۈستۈنئاتۇشلىق ئىمىن ھاجىم 5 يىللىقتىن كېسىلگەن. قەشقەردىكى ساقچى خادىملىرى، بۇ 4 نەپەر سودىگەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. قەشقەر شەھەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى يۇقۇرىقى 4 نەپەر سودىگەرنىڭ ئۆتكەن يىلى 5‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نۆۋەتتە قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى. ئەمما ئۇ بۇ تۆت نەپەر تۇتقۇننىڭ نۆۋەتتە قايسىي قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ۋە ياكى قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتى.

ئەھۋال ھەققىدە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللىغان ئاڭلىغۇچىمىز، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ 2014‏-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يەكەن ئېلىشقۇغا بىرقانچە قېتىم زىيارەتكە بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇ زىيارەت داۋامىدا  ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە ئالاقىدار بىرقسىم «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغان ئەھۋاللارغا شاھىت بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ ئابدۇجېلىل ھاجىمنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما چاسا باشقارمىسىنىڭ مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى «تەربىيەلەش» خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىۋاتقانلىقى، داۋاملىق تۈردە پايلاقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلغان بۇ ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاندۇجېلىل ھاجىمنىڭ تۇتۇلىشىدا يەنە ئۇنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئالامىتى بار كىشىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلغانلىقىمۇ سەۋەپ بولغان ئىكەن.

ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش» ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىشتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، يەنى ساقچىلارغا گۇمانلىق كىشىلەر ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بۇ ئامانلىق مۇدىرى، يۇقۇرىقى 4 نەپەر سودىگەرنىڭ قەشقەردە ئىقتىسادىي كۈچى جەھەتتىن ئالدىنقى قاتاردىكى باي سودا-كارخانىچىلاردىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ 4 نەپەر سودىگەرنىڭ «ھۆكۈمەتنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغان، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاكتىپ دۆلەت كادىرلىرىنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر» دىن ئىكەنلىكى ۋە «ئېغىزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان «ئىككىيۈزلىمىچى» لەردىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.