ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-12-31
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا دائىرىلەرنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە قاراتقان ئاتالمىش «مۇقىملىق» تەدبىرلىرى پەۋقۇلئاددە كۈچەيمەكتىكەن.
2015-12-31
گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا گېرمانىيە تەرەپ خىتاي تۈرمىسىدىكى بەزى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ دېلوسى، دىنىي ئەركىنلىك، كۆچمەنلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2015-12-29
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن 3 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدىكىلەرمۇ قىزىقىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى.
2015-12-28
خىتاي ھۆكۈمىتى 27 -دېكابىر كۈنى «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» نى ماقۇللىدى ۋە 2016-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2015-12-28
26-دېكابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى يېقىندا ياپونىيەدە قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان.
2015-12-25
خىتاي دائىرىلىرى باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىياز ھەققىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئەمما ۋەقەدە ئەڭ دەسلەپتە ئۆلگەن 5 نەپەر ساقچى، جۈملىدىن، ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ فېڭ ھەققىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمىگەن.
2015-12-25
بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتير فىرانسىيە «لوبىس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «خىتاينىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق چاقىرىقى يوشۇرۇن مەقسەتكە ئىگە» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان.
2015-12-21
خىتاي يېقىنقى خەۋەرلىرىدە تەسلىم بولغان كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن تۇرغۇن ئەمەتنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن ساقچىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.
2015-12-21
12-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئىلجى مېھمانخانىسىدا تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ نىزامنامىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىندى.
2015-12-18
خىتايدا ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە تورلىرىدا دوستلار ئارىسىدا قىلىنغان بەس-مۇنازىرىلەر سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغانلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، نۆۋەتتە خىتاي تورداشلىرىنى ئەنسىزلىككە سالغان.
2015-12-16
«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بىر قەدەر ئاستىلىغان «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» نىڭ 2015 - يىلىدىن باشلاپ يەنە كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2015-12-15
ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان سەنئەتكە، جۈملىدىن رەسساملىققا بولغان ھەۋەسنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىۋالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2015-12-15
دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، نوپۇس قېرىشى سەۋەبىدىن خىتاي كېيىنكى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە 90 مىليوندىن ئارتۇق ئىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن. دۇنيا بانكىسى مۇتەخەسىسىلىرى خىتاينىڭ باي بولۇشتىن ئاۋۋال قېرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، خىتاي بولسا نوپۇس قېرىشىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2015-12-10
ئىگىلىشىمىزچە، گۇما ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىق پارتكوم ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى نوپۇس ئېنىقلاش ياكى ئارخىپ تۇرغۇزۇشتەك ئىشلارغا سالغان.
2015-12-10
ئۇيغۇرلار دىيارىدا نەچچە ئون يىللاپ يولغا قويۇلۇپ كەلگەن سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيىسى ۋە كوممۇنىستىك غايە تەشۋىقاتىنىڭ ماس ھالدا ھەر ساھەگە مەنسۇپ ئۇيغۇرلاردا خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىغا ئېغىپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.