رابىيە قادىر خانىم: تەيۋەنلىكلەر ئۇيغۇرلارنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلاشقۇچىمىز دەپ قاراپ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.02.27
rabiye-xanim-amerika-teywenlik.jpg تەيۋەندىكى 28-فېۋرال قىرغىنچىلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىكلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. 2017-يىلى 26-فېۋرال، لوس ئانگېلېس.
RFA

تەيۋەن خەلقى ئۈچۈن 28-فېۋرال، ئۇنتۇلماس كۈنلەرنىڭ بىرى، 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، جاڭ كەيشى ئارمىيىسى تەيۋەن خەلقى ئۈستىدىن كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان كۈن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەيۋەنلىكلەر بۇ كۈننى ئورتاق خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىكلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ 26-فېۋرال كۈنى لوس ئانجېلېس شەھىرىدە، 28-فېۋرال قىرغىنچىلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، يىغىن ئەھلىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

يىغىننى تەشكىللىگەن تەيۋەن تەشكىلاتلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىگەن. پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ تەيۋەن زىيارىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەنلىكىنى پەقەت مۇۋاپىق پۇرسەتنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، تەيۋەندە يۈز بەرگەن 28-فېۋرال قانلىق ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا 1945-يىلى، 8-ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 10-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يەرلىك تەيۋەن خەلقىگە قارىتا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زۇلۇم سېلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.

بۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ چىرىكلىكى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەيۋەن ئىقتىسادى چېكىنىپ كەتكەن. شۇنىڭدەك تەيۋەن يەرلىك ئاھالىسى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىرى قاتلىمى ئارىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن، نەتىجىدە، 1947-يىلى 27-فېۋرال كۈنى يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى پارتلىغاندا جاڭ كەيشى قوشۇنلىرى 28- فېۋرال كۈنى نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغان. بۇ خىل باستۇرۇش ۋە قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى تاكى 5-ئايغىچە داۋاملاشقان.

28-فېۋرال ۋەقەسى يەنە «تەيۋەندىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسىدىكى پىكىر ئېقىمىنىڭ باستۇرۇلۇشى» دەپمۇ قارىلىدۇ ھەمدە بۇ ۋەقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.