خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى: تيەنجىندىكى پارتلاشتا تېررورچىلارنىڭ قولىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-08-14
Share
tianjin-tyenjin-partlash-2015.jpg تيەنجىن پرېستانىدىكى پارتلاش
Wikipedia/Public Domain


بۈگۈن خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى تيەنجىندىكى پارتلاش ھەققىدىكى خەۋىرىدە مەزكۇر پارتلاشتا ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ قولى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «پارتلاشتا تېررورچىلارنىڭ قولىنى يوق دېيىشكە بولمايدۇ» دېيىلگەن خەۋەردە ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەركەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تارقالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانلىرى ئارىسىدا خەتەرلىك خىمىيىۋى ماددا ئىسكىلاتلىرىمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەر بۈگۈن چەتئەللەردىكى بىرمۇنچە خىتايچە تورلاردا كۆچۈرۈپ تارقىتىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي دۆلەت ئاخباراتى ۋەقە ھەققىدە چەكلىك ۋە ئېنىقسىز خەۋەر بېرىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك جەمىيەتتە يۇقارقىدەك مۈجىمەل ئۇچۇر ۋە ئاساسى ئاجىز پەرەزلەرنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ھەر قېتىملىق مۇشۇ خىل زور قانلىق ۋەقەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمان نىشانى بولۇۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك ۋە كەسكىنلىكنىڭ جامائەتچىلىك تەرىپىدىن تونۇپ يېتىلگەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى» دەپ شەرھىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت