مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، 2013-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى ۋە 2014-يىللىق خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2013-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە 2014-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي شۆبە مەسئۇللىرى، سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى، شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيە تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ شۆبە ۋە بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 30 كىشى قاتناشتى.
يىغىن ئەتىگەن سائەت 09:00 دا باشلاندى، يىغىندا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە بۇ يىغىلىشنىڭ ئاساسى مەقسىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا جەمئىيەتنىڭ 2013-يىللىق خىزمەت دوكلاتى تەقدىم قىلىندى، جەمئىيەت 2013-يىلى 12 قېتىم ئايلىق سۆھبەت يىغىنى، 12-قېتىم ئىستراتېگىيە تەتقىقات يىغىنى، نامايىش ۋە خاتىرىلەش يىغىنلىرى شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بولۇپ 60 تىن ئارتۇق پائالىيەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە 60 قېتىملىق پائالىيەت تارىخ ۋە كۈنلىرى بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا يەنە ۋەتەنپەرۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن ئابدۇقادىر ياپچان ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا يەنە ھەر قايسى شۆبە ۋە بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز ساھەسى بويىچە 2013-يىللىق خىزمەت-پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە 2014-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىزمەت-پائالىيەتلەرنى خۇلاسىلىدى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تېخىمۇ تىرىشىپ ئاكتىپ خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە باش نازىر ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنىڭ ئىدارە خىزمەتلەردە ۋەزىپە ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئېلىنغان قارارلارنى بىلدۈردى ۋە يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى. جەمئىيەتنىڭ ئىدارە خىزمەت بۆلۈمى، ئىجتىمائىي بۆلۈم، ئىقتىسادى بۆلۈمى، نەشرىيات بۆلۈم، تەتقىقات بۆلۈم، تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خىزمەت-ۋەزىپىلىرى ئېلان قىلىندى.
پۈتۈن كۈن داۋام قىلغان يىغىن كەچ سائەت 18:00 دە ئاخىرلاشتى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.