ئىستانبۇلدا «ژۇرنالىستلارنىڭ نەزىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.03.05
zhurnalistlar-neziridiki-sherqiy-turkistan-1.jpg «ژۇرنالىستلارنىڭ نەزىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار: (ئوڭدىن سولغا) گۈنگۆر ياۋۇز ئارسلان، مىركامىل قەشقەرى، سۇلايمان شاھىن، رىياسەتچى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، مەرۋە شەبنەم ئۇرۇچ، تاييار تارجان. 2019-يىلى 3-مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

3-مارت ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا «ژۇرنالىستلارنىڭ نەزىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىستلار ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى تەمەل قاردا دېنىز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئىشتىراك قىلدى. 3-مارت كۈنى چاقىرىلغان يىغىنغا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ژۇرنالىستلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەھمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە نېمىلەرنى تونۇشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرى «ژۇرنالىستلارنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، ژۇرنالىست سۇلايمان شاھىن ئەپەندى «قىرغىن قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەزىپىسى»، «دايلى ساباخ گېزىتى» ئوبزورچىسى مەرۋە شەبنەم ئۇرۇچ خانىم «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەزىپىسى»، ئوبزورچى گۈنگۆر ياۋۇز ئارسلان ئەپەندى «خىتاينىڭ لاگېرلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۆز بويامچىلىقىغا قانداق قارشى تۇرۇش كېرەك؟»، تاييار تارجان ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى پەلەستىن دەۋاسىدەك خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش يوللىرى» قاتارلىق ماۋزۇلاردا سۆزلىدى.

مۇھاكىمە يىغىندا ژۇرنالىستلار مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇچ كېلىۋاتقان، كەلگۈسىدە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خىرىسلارنى مۇھاكىمە قىلدى. مەزكۇر ژۇرنالىستلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى تۈركىيە جامائەتچىلىگە ئاڭلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى» داۋاملىق ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ۋە تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى، يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى

ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرى ئەپەندى يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىدە «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى» توغرىسىدىكى مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، تەكلىپلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇنداقتا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ژۇرنالىستلار نېمە مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئەڭ ئاخىردا يىغىندا سۆزلىگەن ژۇرنالىستلارغا خاتىرە بۇيۇم ھەدىيە قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.