ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى سۆزلىگەن، نۇرئەلا كۆكتۈرك شېئىر ئوقۇغان، دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 11-ماي، تۈركىيە.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى سۆزلىگەن، نۇرئەلا كۆكتۈرك شېئىر ئوقۇغان، دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 11-ماي، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

11-ماي كۈنى ئوخشاش بىر كۈن ئىچىدە تۈركىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئارداھان ۋىلايىتىدىكى ئارداھان ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان دۈزجە شەھىرىدىكى دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئارداھان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئەكرەم ئارىقوغلۇ بىلەن مۇغلا سىتقا قوچمان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئىسمائىل دوغان ئەپەندى «قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

11-ماي كۈنى پروفېسسور ئەكرەم ئارىقوغلۇ ئەپەندى بىلەن پروفېسسور ئىسمائىل دوغان ئەپەندىلەر ئارداغان ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن «قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى دوكلاتىدا، نۇقتىلىق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ 5 يىل بۇرۇن بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋاقتىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلغان.

پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقوغلۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دوكلات بېرىش يىغىنى ئارداغان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا مەن ئەكرەم ئارىقوغلۇ بىلەن ئىسمائىل دوغان شەرقىي تۈركىستان تەسىراتلىرىمىزنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، كۆرگەنلا ئۇيغۇرنىڭ ياردەم قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى ۋە ھېچقانداق قىيىنچىلىققا دۇچار بولمىغانلىقىمىزنى ئاڭلاتتۇق. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما رايوندا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتۇق. مەن تۈركىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركلەرنىڭ نەزىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلاتتىم. دوكلاتىمىز ئارداغان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئارداغانلىق زىيالىيلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى».

11-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمال رايونىغا جايلاشقان دۈزجە شەھىرىدىكى دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىگەن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. تۈرك ياشلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىننى دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەسئۇللىرى، ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

بىز يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلەر ۋە دوكلات بەرگەن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، دوكلاتىنىڭ تېمىسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بەرگەن دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ 2017-يىلى  1-ئاپرېلدىن تارتىپ يولغا قويغان ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسى ۋە بۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەسىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىممۇ بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا شېئىر ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ توختالدى.

11-ماي كۈنى دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرىدىن ھىلال تەمۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەنمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدىم. ئىزدەندىم مەلۇمات ئىگىسى بولغاندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن بارلىق ساۋاقداشلىرىم ھەتتا تونۇمايدىغان كىشىلەرمۇ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىمىزدىن خۇرسەن بولدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق قېيىن ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمىز، بەك خىجىل بولدۇق دېيىشتى. مېنىڭچە، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىمىز بەك ياخشى بولدى.»

تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى دەپ بىلگەچكە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. مۇشۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ساكاريا، پامۇققالە ۋە قارا دېڭىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 7 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى. ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت