غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2014.05.22
urumchi-partlash-bazar-qarshiliq-1.jpg خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
AFP

ئاز دېگەندە 31 ئادەم ئۆلۈپ، 94 ئادەم يارىلانغان ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا يۈز بەرگەن 22-ماي سەھەردىكى ھۇجۇم ۋەقەسى بىر سائەتتىن كېيىنلا غەربنىڭ كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىندى.

گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 22-ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:50 ئۆتكەندە ئۈرۈمچى سايباغ رايونى ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسىنى خەۋەر ستونلىرىنىڭ باش بېتىدە قىزىق تېما سۈپىتىدە ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ، گېرمانىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرىدە بۇ ۋەقە ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇر تارقاتتى. خەۋەرلەردە، ئىككى دانە دالا ئاپتوموبىلى بىلەن تۆمۈر رىشاتكىلارنى يىقىتىپ ئۆتۈپ ھۇجۇمغا ئاتلانغان پىدائىيلارنىڭ خىتاي توپىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئاپتوموبىل بىلەن باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە پارتلاتقۇچلارنى ئېتىپ پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالغانلىقى، ئاخىرىدا ھەر ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۆلگۈچى ۋە يارىلانغۇچىلار توغرىسىدىكى مەلۇمات ھەرخىل بولۇپ، كۆپلىگەن قاناللار شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە بىنائەن ئاز دېگەندە 31 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 94 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. بەزى قاناللار بولسا يارىلانغۇچىلار سانىنىڭ 130 كىشىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى، قانچە ئادەملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا مەلۇمات يوق.

خەۋەرلەردە، شى جىنپىڭنىڭ يەنىلا بۆلگۈنچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇش، دېلونى تىز ئېنىقلاش ھەققىدە بۈگۈن قايتا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈرۈمچىگە دەرھال بىر گۇرۇپپا دېلو ئېنىقلاشقا رەھبەرلىك قىلغۇچى خادىملارنى ئەۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. گېرمانىيەدىكى مەشھۇر «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئالدىنقى ھەپتىلەر 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن قولغا ئالغان، ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى يەنە 39 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، 15 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، 2013-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ساقچىلار بىلەن ھۇجۇمچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 300دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈن سايباغ رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقە تيەنئەنمېندىكى پارتلىتىش، كۈنمىڭدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئادەمبومبا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى يەنە بىر تەسىرى زور قارشىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىمۇ «خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ بولغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان. ب ب س گېرمانچە قانىلى بولسا، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئېتنىك جەھەتتە خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەزەلدىن تىنچسىز بىر رايون بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ يىلسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئوخشاشلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن قانداق بىر يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىمۇ پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ۋەقە ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قارشىلىقى نوقۇل خىتاي زۇلۇمىغا قايتۇرۇلۇۋاتقان ئىنكاس ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر كۈرەش» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.