د ئۇ ق رەھبەرلىرى توكيودا ئىككى مۇھىم پائالىيەتكە قاتناشتى
2018.04.02
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.
بۇ مەقسەت بىلەن 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى مەتبۇئات مەركىزىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىغا مۇخبىرلاردىن سىرت كۆپ ساندا پائالىيەتچى، سىياسەتچىلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا نوختىلىق ھالدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخشام دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن زىياپەتتە بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى، بۇ يەردىمۇ مۇھىم دوكلاتلار بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخشام بېرىلگەن زىياپەتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» غا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سىرتىدا يەنە كۆپ ساندا كىشىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىنلارغا ئىشتىراك قىلىپ باقمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى 3 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ پائالىيىتىگە ياپونىيەدىكى قىزىقىش قانداق بولدى؟ ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى 1-چېسلا د ئۇ ق رەھبەرلىرى بەرگەن دوكلاتلارنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىمۇ كېلىپ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيەگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھازىر ياپونىيەگە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى، ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.