2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (11)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.12.22
meschit-nazaret-tekshurush-aparat-1.jpg ئۇيغۇر ئېلىدا كوچا، مەھەللە ۋە مەسچىتلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن بۇلۇڭ پۇچقاقلارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. 2010-يىلى 2-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تورلىشىشى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون كونتروللۇقى

2017-يىلىدىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلار ئۇيغۇر دىيارىنى «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» نىڭ بىر ئۆرنىكى دەپ ئاتىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ماقالىلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا تورلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ھەممىدىن كۆپ تىلغا ئېلىندى. رادىيومىز نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جاي-جايلىرىدا تورلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون كونتروللۇقى توغرىلىق بەزى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.

1. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى

2017-يىلىدا ئۇيغۇر دىيارى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى جەھەتتىن پۈتكۈل خىتاي بويىچە ئەڭ قاتتىق رايونغا ئايلاندى. ئۇيغۇر دىيارى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى چىراي تونۇش ۋە سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، يەنى كامېرالارنىڭ سانى 2020-يىلىغىچە ھازىرقى 176 مىليوندىن 626 مىليونغا يەتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر خەۋەردە بۇ خىل كۆزىتىش ئەسلىھەلىرى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كۆپ ئورنىتىلغان رايون - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېيىلگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جون سودۋورد بۇ خىل كامېرالارنىڭ چىراي تونۇش ئىقتىدارىنى ئۆزى بىۋاسىتە سىناق قىلىپ باققان. ئۇنىڭ شۇ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلغان سىنىقىدا ئۇنىڭ يۈزى «گۇمانلىق» دەپ بېكىتىلىپ، سىگنال بەرگەن. ساقچىلار ئۇنىڭغا بۇ خىل چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرالارنى ئىشقا سېلىپ 3 يېرىم مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ شەھەردىن ئۇنى تېپىپ چىقىشىغا ئاران 7 مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بۇ ۋىدېيولۇق خەۋىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ بۇنداق بىخەتەرلىك كامېرالىرى ئەڭ بالدۇر سىناق قىلىنغان جاي ئىكەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب ۋە نازارەت قىلىش تېخنىكىلىرىنى سىناق قىلىدىغان تەجرىبىخانىسى،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئورگاننىڭ ئېنىقلاشلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى سۈزۈكلۈككە ئىگە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئورتاقلىشىش سۇپىسى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش ۋە كۆز قارىچۇقى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىلىرىنى ئورنىتىشتا ھەمكارلاشقان.

2016-يىلى 9-ئايدا شى جىنپىڭ تىبەتنى باشقۇرغان چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر دىيارۇىغا يۆتكەپ كەلگەندىن بۇيان، ئۈچ ھەجىملىك يۈز رەسىمىنى چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورناتقان. ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ شەخسلەرنىڭ د ن ئا ئۇچۇرى ۋە ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈسكۈنىلەرنى زاكاز قىلغان ئىكەن. خىتايدىكى سانائەت بىخەتەرلىكى ۋاسىتىچىلىك ھەققى شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ساھەسىگە سالغان مەبلىغى 2015-يىلىدىكى 27 مىليون دوللاردىن بىراقلا بىر مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەن.

2017- يىلى 19-سېنتەبىر رادىيومىز قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، يېڭىسار ناھىيەسىدە نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

يېڭىساردىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساقچى، كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ھەر 100 مېتىر ياكى 200 مېتىر ئارىلىققا بىردىن ئورنىتىلغانلىقىنى، تۆت كوچا ئېغىزى ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىسار ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيەلەردە قاماق جازاسى بېرىلگەن ياكى تەربىيەلەشكە ئېلىپ كىرىپ كەتكەن «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» نىڭ ئىشىك ئالدىغا بىخەتەرلىك كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

يېڭىسار ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان يەنە بىر نۆۋەتچى خادىم، «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» گە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندا ئومۇميۈزلۈك ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تور، تېلېفون، كۆزىتىش كامېراسى، ئاپتوموبىل ئىز قوغلاش ئەسۋابى، ئېلېكترونلۇق كىملىك، يۈز تونۇش ئاپپاراتى قاتارلىقلار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئىگىلىشىمىزچە بۇ خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى 2017-يىل ئىچىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملاشقان. سانجى شەھىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ ساقچىلار بۇ خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانجىدا ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈردى. قاغىلىقتا بۇ خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش شىركىتى ئاچقان بىر خىتاي سودىگەرمۇ بۇ يىل 9-ئاي مەزگىلىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا پۈتكۈل قاغىلىق ناھىيەسىدە بۇ خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى مەھەللىلەردىن يېزا-كەنتلەرگىچە ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل ئامانلىق تەدبىرلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايىدا ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ»، دېدى.

2. بارغانچە كۈچەيتىلگەن ئىنتېرنېت ۋە يانفون ئۇچۇرى كونتروللۇقى

2017-يىلى دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتېرنېت-تور ئالاقىلىرى ۋە ئەقىلفون ئۇچۇرلىرىغا قاراتقان كونتروللۇقى كۈچەيتتى. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كونتروللۇق تەدبىرلىرى ئىچىدە ئۇچۇر ۋە ئالاقە ساھەسىدىكى چەكلىمىلەر ئالاھىدە ئورۇندا تۇتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن جازالانغان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيدى. ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يوللانغان ۋە جازا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى «قانۇنسىز ئۇچۇر يوللىغان ۋە كۆرگەن» دېگەن باھانىلەردە جازالانغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىز 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا 4G (4-ئەۋلاد) تېز سۈرئەتلىك تور ئېقىمىنى تاقىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي تېلېفون مۇلازىمەت شىركەتلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى قول تېلېفون قوللانغۇچىلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ، 4G تېز سۈرئەتلىك تور ئېقىمىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر ئابونتلارغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا 4G سىناق مۇلازىمەت باسقۇچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، مەزكۇر سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما قاچان ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.

9‏-فېۋرال «ليەنتوڭ» شىركىتىنىڭ رادىيومىزغا دەلىللىشىچە، نۆۋەتتە 4G مۇلازىمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، كورلا قاتارلىق 3 ۋىلايەت، 2 ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا تاقالغان.» ئەمما 4G قاراماي، شىخەنزە، كۈيتۇن قاتارلىق خىتاي نوپۇسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ شەھەر، رايونلاردا مۇلازىمەتتىن توختىمىغان.

رايوندىكى بەزى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 4G تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت ئېقىمىنىڭ يۇقىرىقى رايونلاردا تاقىلىشى، بۇ رايونلاردىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئىكەن. بەزى خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 14‏-فېۋرالدىن بۇرۇن 4G مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەر دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا 4G تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى 2013‏-يىلى 12‏-ئايدا يولغا قويۇلغان. دائىرىلەر ئەينى چاغدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ 4G دەۋرىگە كىرگەنلىكى» نى جاكارلىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2017-يىل 5-ئايدىن باشلاپ، مۇشۇ خىلدىكى ئىنتېرنېت تورىدا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلدى.

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 2017-يىلى 6-سېنتەبىر ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، تېلېفونغا چىققان خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت مەزمۇنلار، دىنى رادىكاللىق ۋە شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي-سىياسىي ۋەزىيىتى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار» نىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ مەزمۇن دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز مۇخبىرلىرى10-ئۆكتەبىر ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېكەس ناھىيەسىدىكى بىر قازاق ياش ئوخشاش بىر كىملىك ئارقىلىق ئىككى دانە يانفون كارتىسى (SIM) سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك ساقچىلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنىپ بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە «ئاز سانلىق مىللەت» كىشىلىرىنىڭ بىر ئادەم بىردىن ئارتۇق يانفون كارتىسى سېتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر شەخسلەرنىڭ يانفونلىرى ھەرقاچان تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. جۈملىدىن يانفونلىرىدا سەزگۈر مەزمۇنلار بايقالغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ھەر خىل جازالارغا، جۈملىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور باشقۇرۇش دائىرىلىرى 10-ئاي مەزگىلىدە 13 كىشىنى ئىنتېرنېت تورىدىكى ئاتالمىش «قانۇنسىز» مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، 5-سېنتەبىر كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك تارماق ئەترىتى خوتەندىكى بىر تورداشنىڭ «سىنا بلوگى» دا «تېررورلۇققا ئائىت ئىغۋا» تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇملاشتۇرغان يۇقىرى كۆرۈنۈش سۈپىتىگە ئىگە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تەۋە كامېرالاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئارا ئورتاقلىشىش ۋە تېلېفون ئۇچۇر كونتروللۇقى قاتارلىق بىخەتەرلىك نامىدىكى نازارەتكە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى تېخنىكىلارنى سىناق قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل سىستېمىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىندى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە تاقىلىدىغان ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.