شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتى ھەققىدىكى بايانلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.01.26
5-iyul-shiwetsiye-namayish-1.jpg 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەپ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 5-ئىيۇل، شىۋېتسىيە.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەگە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بولۇپ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ستاتىستىكىسىدا شىۋېتسىيەدە 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىككىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق بۇ مەملىكەتكە كېلىپ پاناھلىق تىلەپ ئورۇنلاشقان ئىدى.

تاھىر ناسىر ئەپەندى 2005-يىلى شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۆچمەن بولغانلىق ۋەقەلىكىنى ئاڭلاتتى. ئۇ، ئۇيغۇر دىياردىن 2000-يىلى تاغ يولى ئارقىلىق قېچىپ چىقىپ، نېپالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى، نېپالدا ئۇيغۇر بالىلاردىن 3 نەپىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئەنسىرەپ، ھىندىستانغا يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە ھىندىستاندا 3يىل تۇرۇپ ئاندىن پاناھلىقى قوبۇل بولۇپ، شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاھىر ناسىردەك ئوخشاش قىسمەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئابدۇللا ئەھەد ئەپەندى ئۆزىنىڭ پاناھلىق تىلەشكە سەۋەب بولغان ۋەقەلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدى بىلەن پاكىستانغا ئوقۇشقا چىققان ۋە كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندىكى ئورنىدىن پاناھلىق تىلەپ شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن.

ئۇلار شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن شۋېد تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ھەر ساھەلەرگە خىزمەت قىلىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى تىكلەش ھەمدە مۇقىم كەسىپلەردە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

تاھىر ناسىر ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۆزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى بايان قىلدى. ئۇ، شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كېيىن، شۋېد تىلىنى پىششىق ئىگىلەشتىن باشقا يەنە، يۈك ئاپتوموبىل ھەيدەش، تاكسى ھەيدەش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆگىنىپ، خىزمەت ئىشلەپ كەلمەكتە.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندىمۇ، ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن تىرىشىپ ئوقۇپ نۇرغۇن كەسىپلەردە تەربىيىلەنگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى تاللىشىنىڭ ئاپتوبۇس شوپۇرى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەگە ئۇيغۇرلار تارقاق يەرلەشكەن بولۇپ، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولم، يوتوبورىي شەھىرى، يەۋلە شەھىرى قاتارلىق ئۈچ رايونىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ياشىماقتا.

سىتوكھولمنى مەركەز قىلغان ھالدا جامائەتلىشىش، تەشكىلاتلىشىش جەھەتلەردە دەسلەپكى كەلگەن ۋاقىتلىرى بىلەن ھازىرقى ۋاقتىنى سېلىشتۇرغان ئابدۇللا ئەھەت شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىز كەلگەن ۋاقىتلاردا، شىۋېتسىيەدە پارۇخ سادىق ئاكا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىلەن كۈرەش كۈسەن قۇرغان ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىلاتى بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تارقاق ھالەتتە ياشاۋاتقان بولغاچقا پائالىيەتلەرگە تەسىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.»

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى ئۆزى كەلگەن ۋاقىتتىكى تەشكىلاتلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ھازىرقى ۋاقىتتا جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كەلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كومىتېتى بىرلەشتى، ھازىرغا قەدەر بۇ جەمئىيەتلەردە كۆپ كىشىلەر مەسئۇل بولدى، ھازىر مەن مەسئۇللۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، سىياسىي جەھەتلەردە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى ئانا تىل، تارىخ قاتارلىق پەنلەردە تەربىيىلەشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»

شىۋېتسىيەدە ھاياتىنى يېڭىچە باشلىغان ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن تىلىنى پىششىق ئىگىلەش، كەسپى جەھەتتە تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ بىر كەسىپنى پىششىق بىلىش ھەمدە شۇ كەسىپتە مۇستەقىل خىزمەت قىلىپ تۇرمۇشىنى ھۆكۈمەتكە تايىنىپ قالماي قامداش بىلەن بىللە يەنە، جامائەتلىشىپ ياشاپ، تەشكىلات ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ، ئانا-تىلىنى قوغداپ، ئائىلىدە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلەشنى چىڭ تۇتۇپ كەلمەكتە.

تاھىر ناسىر ئەپەندى نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئەڭ كۆرۈنەرلىك قىيىنچىلىق ھەققىدە پىكرىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللا ئەھەت ئەپەندى ئۆزى نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق دەپ ھېس قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىگە ۋە ئۇ يەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنىڭ ناھايىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بولسا ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنى ۋە بىرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەۋلادلارنى ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە تەربىيىلەپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.