ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كوچىدا ئادەم تۇتۇۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارغا يول باشلىغۇچىلار. 2009-يىلى 6-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
كوچىدا ئادەم تۇتۇۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارغا يول باشلىغۇچىلار. 2009-يىلى 6-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى 2018‏-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىشى ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان ئائىلىلىرىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ئۇچرىشىنى كۈچەيتىدىكەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىش سىياسىتى بۇنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئاچىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 476 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىپادىسىگە باھا بېرىلگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دېيىلگەن: «بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئون مىڭلىغان ياكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن قايتا -تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئالاھىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا يوللىغان. ھالبۇكى، بۇ قىلمىش تۇتقۇنلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان ئائىلىلىرىنىڭ سۇيىئىستېمالغا ئۇچرىشىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.» دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك سۇيىئىستېمالغا يول ئاچىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چەكلەشتەك رەسمىي سىياسەتنىڭ تەسىرى بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان سۇيىئىستېمالغا ئۇچرايدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن،» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيو پەيشەنبە دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ئاممىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. پومپېيو مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىز بۇ كۈرەشتە غەلۇنە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ھەر قايسى دۆلەتلەر يەرلىك ئاممىنى قوزغاپ، ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق بايقىشى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يەرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. بىز ھەر يىلى قىلىپ كەلگەندەك بۇ يىللىق دوكلاتىمىزدىمۇ قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، قايسى دۆلەتلەرنىڭ سەل قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق.»

لېكىن بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا تېخىمۇ كەڭ ۋە ئەتراپلىق ئورۇن بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا بىر خىل جەمئىيەت ھادىسىسى، دەپ قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب دۇنياسى بۇنىڭغا يېتەرلىك قارىمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ پاش قىلىۋاتقىنى ئاز ساندىكى بىر قىسمى. بۇنىڭغا ھاكىمىيەت شېرىك، ھاكىمىيەتنىڭ قولى بار. بۇ ئىشتا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلىرى بىلەن قارا جەمئىيەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا ئامېرىكا بۇنىڭغا بىر خىل جەمئىيەت ھادىسىسى دەپ قارىشى يېتەرلىك ئەمەس. بۇنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.»

ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولىنىشى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالا-چاقلىرىغا كۆز تىكىشى، ئۇلارنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى رېئاللىق ئىكەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئاتالمىش "تەربىيەلەش لاگېرلىرى" غا سولىشى ئىنتايىن قەبىھ، ئىنتايىن رەزىل بىر كىشىلىك ھوقۇق قىلمىشى. بۇ ئەھۋال ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى، كىچىك بالىلارنىڭ خەتەرگە مۇپتىلا قىلىپ، ھەر جىنايى گۇرۇھلارغا جۈملىدىن ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئەڭ چوڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك رولىنى ئوينىدى. تىنچلىق شارائىتىدا بىر مىللەتكە قارىتىلغان بۇ خىل قەبىھ قىلمىش ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغان قىلمىشى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. شۇڭا، بۇ مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭلا ئەمەس، كەڭ خىتاي خەلقىنىڭمۇ دىققىتى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىشى كېرەك.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ئادەم ئەتكەسچىلىك ۋەقەلىرىنىڭ خاراكتېرى باشقا رايونلارغا ئوخشىمايدىكەن. ئۇ مەزكۇر رايوندىكى بۇ قىلمىشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋاللار باشقا رايونلاردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك ۋەقەلىرى ياكى بالىلارنى ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرىغا ئوخشىمايدۇ. باشقا رايونلاردا بۇ قىلمىشلار ھۆكۈمەت ياخشى قوغدىمىغانلىقى ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتىدۇ، لېكىن شىنجاڭدا ھۆكۈمەت ياخشى قوغدىمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇنى ئۇنىڭ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، بالىلارنى يېتىم قويۇشتەك قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ناھايىتى ئېنىق بولغان مەسىلە.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ھاشار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا ھاشارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارارنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا «ئۆتكەن بىر يىلدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇلغانلىقىنى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھاشار نامىدا يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدى،» دېيىلگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھاشارنىڭ توختاپ قېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولىنىپ، ھاشارغا چىقىدىغان ئادەم قالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇنداق دېگەن ۋاقىتتا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا كىرىپ قېلىش مەسىلىسى ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن چوڭلار، يېشىغا توشقان قىران كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر ھاشارغا ئېلىپ چىققۇدەك ئادەم قالمىدى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ياكى تۈرمىدە ياكى لاگېرلارنىڭ ئىچىدە. بۇ ئەھۋالدا ھاشارغا ئېلىپ چىققۇدەك ئەمگەك كۈچى قالمىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ دەپ قارىمايمەن.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا خىتاي يەنە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئەھۋالى ناچار 3‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆتكەن بىر يىلدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى، ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالاش، ئەتكەسچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەتكەسچىلىك قۇربانلىرىنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، قانۇنى تەدبىرلەرنى ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە تېخىچە كۆپلىگەن مەسىلە مەۋجۇتكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ دۇنيادىكى «ئەركەكلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە جىنسىي ئەتكەسچىلىكنىڭ مەنبەسى، ئۆتكۈنچى ۋە ئاخىرقى بېكىتى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى «ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى يوقىتىشنىڭ ئەقەللىي ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت