رابىيە قادىر خانىم: «ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان يىغىنىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.10.26
diniy-erkinlikni-qoghdash-uyghur-insan-heqliri-korushi-yepilish-1.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ناملىق يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 24-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى» ناملىق يىغىن 24-ئۆكتەبىر كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. 3 كۈن داۋاملاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن كەلگەن 80 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان دىنى بېسىم ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە بۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى ۋە قىزىق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.

22-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ياۋروپا پارلامېنتىدا باشلانغان يىغىن 24-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى تھون مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.

يىغىننىڭ يېپىلىش نۇتقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قىلدى. ئۇ، نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خالىغانچە تۇتۇپ سولاش، ئېغىر دىنىي دەپسەندىچىلىك سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق بىر چاغدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
‏-يىغىنىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. گۆھەردەك ياخشى پىكىرلەر چۈشتى ھەم ياخشى مۇزاكىرىلەر بولدى. بۇمۇ خەلقئاراغا ياخشى ئاڭلاندى. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەھۋالىمىزنى داۋاملىق ئاڭلىتىپ كەلگەن بولساقمۇ، مۇشۇنداق ياۋروپا پارلامېنتىدەك بىر يەرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن زور ئالىملار يىغىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا باش قاتۇرۇشى زور ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى دەپ قارايمەن. بۈگۈن دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بىر چاغدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق، تەجرىبە ئالماشتۇردۇق. ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان سىز ئالىملارنىڭ دۆلەتلىرىڭلارغا قايتقاندىن كېيىن ھەرقايسى سورۇنلاردا داۋايىمىزنى ئاڭلىتىشىڭلارنى، ھۆكۈمەتلىرىڭلارغا، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىڭغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا چەكسىز رەھمەت ئېيتىمىز.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ژۇرنالىست تەتقىقاتچى سىراجىدىن ئەپەندى، مەيلى دىنىي بولسۇن، مەيلى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ بۇ يىغىندا ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ داۋا ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنداق يىغىنلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى يىغىننى خۇلاسىلەپ، يىغىندا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپلا قالماي، ھەر ساھەدىكى چەكلىمىلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش كۆرۈشى توغرىسىدا مۇھىم دوكلاتلار ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، يىغىننىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.