ميۇنخېندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-02-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

2-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش ۋە مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېندىكى «تۈرك ئىسلام بىرلىكى» نىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش ۋە مەرھۇم دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ روھىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتىگە ميۇنخېندىكى 10 غا يېقىن تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە 200 گە يېقىن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. پائالىيەتكە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ تۈركچە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدارە قىلغان 68 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە زىيالىيلارنىڭ تەقىب قىلىنغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاخىرقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇھەممەد سالىھ داموللامغا ئوخشاش دىنىي زاتلارنى، زىيالىيلارنى ۋە ئاددىي پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىپ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا سولاپ جازالاۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

پائالىيەتكە گېرمانىيەنىڭ ۋۈرتسبۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقان د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، بىر بۆلەك خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن نەسىلداش قىلىپ كۆرسىتىش ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى بازارغا سالغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارشى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، مەسئۇد سابىرى بايقۇزى ھەمدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىلەرنىڭ قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بارغانلىقىنى مىسالغا ئالدى.

گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىمۇ بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، گېرمانىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئەيىبلىدى.

پائالىيەتكە يەنە، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ قاتناشتى. ئۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرى ۋە باستۇرۇشلىرىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ بەزى مەسئۇللىرىمۇ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.

مۇراسىم ئاخىرىدا، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 27-كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلىرىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش نۇتقى سۆزلىدى ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرىدە خانىممۇ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇر ۋە تۈرك جامائىتىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ پائالىيىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان جامائەت پائالىيەت جەريانىدىكى يۇقىرى كەيپىيات ۋە ھاياجانلىق نۇتۇقلاردىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلىشتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت