خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، دېدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش ۋەقەسى كېلىپ چىقىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قاتتىق قوزغىدى.

ھازىر مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى سەۋەبى ئۈستىدە نۇرغۇن كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. كۆزەتكۈچىلەر مۇلاھىزىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسىتىنىڭ بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭمۇ يېڭىچە بىر شەكىل ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يەنە بىر قېتىملىق پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە پارتلىتىش ۋەقەسى مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دەل ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ تېررورچىلارنى بارچە خەلق چاشقاننى «ئۇر-ئۇر» قىلغاندەك يوقىتىشقا چاقىرىپ تۇرۇشىغا يۈز بەرگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مۇقىملىق پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، دېيىشتى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ۋال سترىت ژۇرنىلى» خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسى ناملىق مۇلاھىزىسىنى «بۇ ۋەقە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك مۇقىم ياكى ئىناق-ئىتتىپاق ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى» دەپ باشلىغان. ئۇلار 30-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇيغۇر دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئىلگىرى كۈنمىڭدىكى ۋەقەنىڭمۇ ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:
«گەرچە ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش قېيىن بولسىمۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىكى بۇ خىل رادىكال كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپ تەشكىللىك ۋە شىددەتلىك بولۇشقا باشلىغان. 20 يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زەربە بېرىش سىياسىتىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردىكى ۋەقەلەرنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنى تېررورلۇق بىلەن قارىلىغان. ئەگەر ئەمدى بۇ يەردە راستىنىلا بىر تەشكىللىك تېررورلۇق شەكىللەنگەن بولسا، دېمەك ئۇيغۇر ئېلى ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ئارمىيىسى ۋە ساقچىسىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

ۋال سترىت ژۇرنىلى مۇلاھىزىسىدە شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە تېررولۇققا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تېررورچىلار ھەققىدە يالغان يىغلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ئېيتىۋاتقىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بولۇۋاتقانلارنىڭ ئوخشىماسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن قاتتىق ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ رادىكاللىقتىن ئەسەر بولمىغان، تېررورچى بولمىغان مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مىللىي بېسىم سىياسىتى بۇ ئىشەنچسىزلىكنى تېخىمۇ ئاشۇردى» دەپ بايان قىلغان. ۋال سترىت ژۇرنىلى مۇلاھىزىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادە قىلىشىغىمۇ يول قويماي كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنى ھەقىقەتەن ھەل قىلىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن تۇنجى بولۇپ چوقۇم ئۇيغۇرلارغا تېررورچىلاردەك مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ۋەقەدىن كېيىن قوزغالغان مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىتتىپاقلىقىنىلا تەكىتلەپ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. مەسىلەن، دىپلومات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مەركەزلەشتى» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىدىمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قىلغان زىيارىتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن قەدەممۇ-قەدەم رەسىم بىلەن خەۋەر قىلىنىپ، شى جىنپىڭغا خەلققە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە «غەمخورلۇق» قىلىۋاتقان بىر تۈس بېرىلگەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىلگىرىكى دۆلەت رەھبەرلىرى قىلغانغا ئوخشاشلا بىر تەشۋىقات خاراكتېرلىك زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا يەنىلا قاتتىق زەربە بېرىش، تېررورلۇققا ئالدىن زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تۇتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، دېگەن.

«ئاسىيا دەۋرى گېزىتى» دە سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئەژدىرھانىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنىڭ قانداقتۇر تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە بۇ ھەقتە «ئىنسانلاردا تەرەققىيات ياكى يۇقىرى كىرىم بىلەن قاندۇرغىلى بولمايدىغان بىر خىل روھ بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىدە دەل شۇ خىل روھقا سەل قاراۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى، ھۆرمىتى ۋە باراۋەرلىكىگە سەل قاراۋاتىدۇ. پارقىراپ تۇرغان يېڭى تۆمۈر يوللار، نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرى يىللاردىن بېرى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا، قوراللىق بېسىمغا ۋە كىرىم باراۋەرسىزلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەسەللى بولالمايدۇ» دەپ بايان قىلىنغان. ئاسىيا دەۋرى ژۇرنىلى مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ، مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى مەجبۇرىي ھالدا بېكىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى «ھۇرۇن ۋە دۆت» قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ بولغان خىتاي كۆچمەنلەرگە «ئۇيغۇرلار دېگەن ئۆزىگە نېمىنىڭ پايدىلىقلىقىنى بىلمەيدىغان كىچىك بالا، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە ئوخشاش كۆچمەنلەرگە ئېھتىياجى بار» دەيدىغان ئىدىيىنى سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ياراتقان قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ چوڭ خىتاي ئائىلىسىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئاسىيا دەۋرى ژۇرنىلى مۇلاھىزىسى داۋامىدا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ۋە بۇندىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلار بىلەن دىكتاتور ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ نەتىجىسى بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى تەن ئالماي، گۇناھنى يەنىلا ئاتالمىش «دىنىي رادىكاللار كۈچلەر» گە ئارتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى قويماي، ئۇلارنى قاتتىق بىر ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە سۆرەپ كىرمەكتە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كەمسىتىش، باستۇرۇش، قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىنى داۋام قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرما زەربە ھەرىكەتلىرى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.