خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدىشى كېرەكلىكىنى، ھەتتا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىمۇ، ئۇنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، «ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات» تەشەببۇسىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ئىشەنچسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە پايدىلىق، ئەمما ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى تەشەببۇسىدا، رايوندىكى ئىجرائاتلار كۆزدە تۇتۇلسا ھېچقانداق بىر يېڭىلىق يوقلۇقىنى، ئەمما مەزكۇر تەشەببۇسنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، يەنى نىسبەتەن يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغان، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئۇچقۇن ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەشەببۇسى ئەمەلىيەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىگە ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ كېلەچەكتىكى سىياسىي تەقدىرىگە ئىشەنچسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى.
ئۇچقۇن ئەپەندى خېتىنىڭ ئاخىرىدا، مەزكۇر تەشەببۇسنى يەنە بىر نۇقتىدىن ئىقتىسادىي مىللەتچىلىك دېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقى، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇشۇ خىل مىللەتچى شوئارلار ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.