كاچۇڭ بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە 300 دىن ئارتۇق ئىگە-چاقىسىز بالىلار نەزەربەند قىلىنغان
2018.10.23
20 ياشقا كىرگەن دېھقان بالىسى جەسۇر 2014-يىلى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنلا، يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى يۈز بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن يەكەن بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ بارلىق ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۆزى تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان جەسۇر، 4 يىلدىن بۇيان چەتئەلدە ئۆزىنى-ئۆزى قامداش جەريانىدا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن چاغلاردىمۇ، يېقىنقى كۈنلەردە قارانچۇقسىز قالغان كىچىك ئىنىلىرىنىڭ قورقۇپ كەتكەن غېرىبانە، بىچارە ھالىتىنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرگەندىكىدەك ئازابلانمىغان ئىكەن.
جەسۇرنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ئۇنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيە، كاچۇڭ يېزا تاختاكۆۋرۈك كەنتى، 2-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، 45 ياشلىق دادىسى مەخمۇت سايىم، 43 ياشلاردىكى ئانىسى بۇخەلچەم تۇرسۇن، قېرىنداشلىرىدىن 25 ياشلاردىكى بۇرانەم مەخمۇت، 20 ياشقا كىرگەن ئىنىسى نۇرئېلى مەخمۇت، ئابدۇجاپپار مەخمۇت، تاغىلىرىدىن قاسىم سايىم، ھېكىم سايىم، ئابلىمىت سايىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولۇپ 30 دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقىنى ئىلگىرى-ئاخىر بۇ يىل ئىچىدە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. ئۇ، دادىسى ۋە يەنە 3 تاغىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما ئۇلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق بولۇپ، ئاپىسى بۇ يىل 3 ئايلاردا تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ دادىسىنى پىلاندىن ئارتۇق يەنە 2 پەرزەنت كۆرگەن ۋە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانىنى تاپشۇرمىغان دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، باشقا تاغىلىرىنىڭمۇ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى تونۇشلار ئارقىلىق ئاڭلىغان.
شۇندىن ئېتىبارەن جەسۇر، ئائىلىسىدىكى بارلىق چوڭلار تۇتۇپ كېتىلىپ قارانچۇقسىز قالغان 10 ياشتىكى ئىنىسى ئابدۇلھەق مەخمۇت، 8 ياشتىكى ئىنىسى ئابدۇجاپپار ماخمۇتتىن خەۋەر ئالالماي كەلمەكتىكەن.
يېقىندا جەسۇر تونۇشلىرى ئارقىلىق كىچىك ئىككى ئىنىسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تۈرمە ياكى لاگېرلارغا سولىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۆيىدە ئۇلاردىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق تىرىك يېتىمگە ئايلانغان 500 دەك بالا بىلەن بىللە كاچۇڭ بازىرىدىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. جەسۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بالىلار مەكتەپتە يېتىپ قوپىدىغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ سىرتىغا چىقىشى چەكلىنىدىكەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمەيدىكەن.
بىر ھەپتىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغان جازا لاگېرلىرىنى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ خىلدىكى ئورۇنلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئىختىيارى بارىدىغانلىقى، تۇرمۇش شارائىتلىرى ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
خىتاينىڭ تاشقى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان«يەرشارى ۋاقىت» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە 21-ئۆكتەبىر تارقاتقان سۈرەتلىك خەۋىرىدە، خوتەندە ئاتا-ئانىلىرى شۇ خىلدىكى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگە كەتكەن بالىلارغا، ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپلەردە مەخسۇس كۇرس ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا يېقىندىن غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا نۇرغۇن ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى تىۋىتېر ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەنقىدىي ئىنكاس قايتۇرماقتا. ئارىدا بىر سۈرەتلىك خەۋەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىۋالغان فورمىسىنىڭ مەيدىسىدىكى قارا دۈگىلەك بەلگىمۇ ئانالىزچىلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىنمىغان بولۇپ، ئۇلار ئانالىزلىرىدا، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مەيدىسىدىكى بۇ خىل بەلگىنىڭ ناتسىستلارنىڭ لاگېرلارغا سولانغان يەھۇدىيلارنى باشقىلاردىن ئايرىش ئۈچۈن قوللانغان بەلگىلەرنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى دېيىشسە، يەنە بەزىلەر بۇ خىل بەلگىنىڭ، مەكتەپلەرگە سولانغان بۇ قارانچۇقسىز بالىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تاقاپ قويۇلغانلىقىنى پەرەز قىلغان.
بىز جەسۇرنىڭ ئىككى ئىنىسى نەزەربەند قىلىنغان مەكتەپ ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، كاچۇڭ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالاقە نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلىپ كۆرگەن بولساقمۇ ئېلىنمىدى. كاچۇڭ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما تېلېفون ئالغان خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
كاچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تارقاتقان تور ئۇچۇرلىرى ئارىسىدىن، باشلانغۇچ مەكتەپتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر ئۇچۇر دىققىتىمىزنى تارتتى. بۇ قىسقا ئۇچۇردىكى ئالاقىلىشىش تېلېفونغا بىر خىتاي خادىم جاۋاب بەردى:
-كاچۇڭ مەركىزى مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىئانە قىلىش ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتامدۇ؟
-شۇنداق ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەر خىل ياردەم كېرەك ئۇلارغا، ئۇلار 300دىن ئارتۇق بالا ئەمەسمۇ.
-ھەممىسى كاچۇڭ يېزىسىدىكى بالىلارمۇ؟
-كاچۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىنمۇ بار. شۇنداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ مەكتەپكە يىغىپ قاراۋاتقان.
-قانچە ياشلاردا بار بۇ بالىلار؟
-ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى، 1-سىنىپتىن 5-سىنىپقىچە، ھەممىسى مەكتەپتە ياتىدۇ. ئاتا-ئانىلىرى ھەممىسى تەربىيەلەشتە.
-ئۇلار ھەممىدىن نېمىگە ئېھتىياجلىق ھازىرنىڭ ئۆزىدە؟.
-قىيىنچىلىقى ھەر تەرەپتىن بار، لېكىن ھازىر ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقىنى قىشلىق كىيىم-كېچەكلەر.
-تاماقلىرى قانداق؟
-بۇ تەرەپلەرنى تەپسىلىي بىلمەيمەن.
-بۇ بالىلارنى باشقىلار بېقىۋالسا بولامدۇ؟
-بۇنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئالاقىلىشىش كېرەكمىكىن.
-ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىرى بارمۇ؟
-يېتىم بالا قاتارىدىكىلەرنى ئىچكىرىلەردىكى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇنى دۆلەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن.
دېمەك جەسۇرنىڭ 8 ۋە 10 ياشلىق ئىككى ئىنىسىمۇ بۇ خىتاي كادىر دەۋاتقان قىشلىق كىيىم-كېچەككە موھتاج ئاتا-ئانىسى تىرىك يېتىملەر قاتارىدا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما جەسۇرنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى ئىنىلىرىدىن ئەمدى ئىككىنچى خەۋەر ئالالماي قېلىشى ياكى ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلىشىدەك ئېھتىماللىقلار. جەسۇر بۇنى ئويلىغاندا «ھازىرلا يۇرتقا قايتقۇم كېلىدۇ، ئەمما بۇ ئىمكانسىز» دەپ ئۇھسىندى. لېكىن ئۇ يەنە ئائىلىسىگە، ئىنىلىرىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن «مەتبۇئاتلار ئارقىلىق دۇنياغا ئىلتىجا قىلىشنى باشلىدىم» دەيدۇ.