بۇ يىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە قارىتىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات يىغىنىدا قەسەم قىلىش مۇراسىمى. 2017-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى.
«بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات يىغىنىدا قەسەم قىلىش مۇراسىمى. 2017-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى.
news.ts.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 31‏-يانۋار كۈنى تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، 2018‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى «خاتا ۋە ۋە زىيانلىق ئىدىيەلەر» نىڭ تەسىرىنى قانداق تازىلاشنى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە قارىتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۇن رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ «ھەر خىل ئەكسىلئىنقىلابىي ئىدىيە، سۆز-پىكىرلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشى، ھەرگىز كەڭچىلىك قىلماسلىقى، يۇمشاققوللۇق قىلماسلىقى» تەلەپ قىلىنغان. 

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئاۋام خەلقنىڭ «كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە تەئەللۇق مەسىلىلەرنى بايقىغان ھامان ئۇنىڭغا قارشى دەرھال كۈرەش قىلىشى، مۈجمەل گەپ قىلماسلىقى» تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ھەرقانداق خاتا ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى تاراتقۇ بىلەن تەمىنلىمەسلىك ياكى ئۇنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىك» تەلەپ قىلىنغان. 

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى پەرقلىق پىكىر ۋە قاراشلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش پىكرى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 2017‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چاقىرىلغان «شىنجاڭدىكى بىرقانچە تارىخىي مەسىلىسىگە دائىر سۆھبەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات، ئاخبارات، مائارىپ، نەشرىيات، مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان سەرخىللارغا، جۈملىدىن ئەدىبلەر، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، مۇتەپەككۇرلار، زىيالىيلارغا زەربە بېرىش تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە «شىنجاڭ تارىخىي، دىن ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىگە دائىر خاتا ئىدىيەلەر تەرغىب قىلىنغان» دېيىلىپ، نۇرغۇن كىتابلار ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى. 

خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 31‏-يانۋاردىكى يىغىنىدا ئاتالمىش «خاتا ۋە زىيانلىق ئىدىيەلەر» نىڭ تەسىرىنى تازىلاشقا دائىر قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. بىز بۇ سىياسەتنىڭ يەرلىك ئورۇنلاردا كونكرېت قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. 

ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن ئورگىنىدىكى بىر كادىر مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش قىلىش ئەھۋالىنى كەنت كومىتېتىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۇ يەردە كادىرلار بار، ئاشۇلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بولامدۇ. مەن رەھبەر ئەمەس. بۇ نۆۋەتچىلىك ئورنىنىڭ تېلېفونى. ئۇلارنىڭ قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى مەن سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن. ئۇنى دېسەم بولمايدۇ. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان تەرتىپى بار، شۇ تەرتىپ بويىچە ئۆگىنىمىز. سىز سورىغان مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى مەن سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن» 

لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندىكى مەكتەپلەردە «خاتا ئىدىيەلەر» گە قارشى تۇرۇش، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش، قانداق كىتابلارنى ئوقۇماسلىق ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن ئېنىق كۆرسەتمە بار ئىكەن. كورلادىكى بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئاتالمىش «خاتا ئىدىيە» تەرغىب قىلىنغان، ئوقۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارالغان كىتابلار ئىچىدە «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئوقۇغۇچى، ئۆگىنىشكە كىرمەيمەن. لېكىن ئاتام-ئاپاملار كىرىدۇ. ئۇ يەردە شۇ 19‏-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىدىغۇ دەيمەن، شۇ دىندىن يىراق تۇرىمىز، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى تۇرىمىز، دېگەندەك. . . مەكتەپتىمۇ بۇنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، كونكرېت ئېيتسام، ناماز ئوقۇساق بولمايدۇ. دىنىي كىتابلارنى ئوقۇساق بولمايدۇ. ھازىر ئۇنداق ئىشلار يوق. ئاتا-ئانام ناماز ئوقۇمايدۇ، مەن ناماز ئوقۇشنى ئۇقمايمەن. مەكتەپ قايسى كىتابلارنى ئوقۇش، قايسى كىتابلارنى ئوقۇماسلىق ھەققىدە ئېنىق تەربىيە بېرىۋاتىدۇ. بىز بىلىمىمىزنى ئاشۇرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇساق بولىدۇ. باشقا جەھەتلەردىكى بىزنى قايمۇقتۇرىدىغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇساق بولمايدۇ. مەن كورلادا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن. بىز ئوقۇساق بولمايدىغان كىتابلارنىڭ بىرى «ئانا-يۇرت» رومانى. مەن بۇ روماننى ئوقۇپ باقمىدىم، مەكتەپمۇ بىزگە بۇ روماننى ئوقۇساڭلار بولمايدۇ، دېدى.»

چەتئەللەردىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق تەقىبلەش نىشانىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە قارىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى، «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ تەرىپى قايسىلار؟ بىرى دىن، بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىدۇر. بۇ ئۈچ نەرسە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھالقىلىق ئامىللاردۇر. خىتاي كومپارتىيەسىمۇ بۇ ئۈچ خىل ئامىلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ مىللىي خاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا، دائىرىلەر بۇنىڭغا ناھايىتى ھوشيار قارايدۇ. . . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خاتا ئىدىيەلەرنى تۈزىتىش دېگىنى شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىشتۇر. بۇنى بىز مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېسەك بولىدۇ.»

ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى قوزغاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ، غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. 

ياڭ جيەنلى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىزچىل ھالدا ‹قاتتىق زەربە بېرىش› دېگەندەك ئۇرۇش تىلىنى قوللىنىپ كەلدى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ھازىر دائىرىلەرنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشى ناھايىتى ئېنىقكى، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بىر نۇقتىغا بارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك. ھېس قىلىشىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلىرى يېتەرلىك ئەمەس. لېكىن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزلىرىگە خەلقئارا ئىتتىپاقداش تېپىشى ئۈچۈن نۇرغۇن بوشلۇقلار بار، دەپ قارايمەن.» 

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىغىنىدا دائىرىلەر باستۇرۇشنى نۇقتىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە قارىتىش قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى، مەسئۇلىيىتىگە سەل قارىغان ياكى خىزمىتىدە بوشاڭلىق قىلىپ، مەسىلە كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت