ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ‏-سىياسىي تەشۋىقات

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.03.16
ishsiz-uyghur-kochida.JPG كوچىلاردا ئىش كۈتۈپ ياتقان ئۇيغۇر ئىشسىزلار. 2016-يىلى كۈز (ئورنى ئېنىق ئەمەس).
Oqurmen Teminligen

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى تەشۋىقاتلىرىدا «ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتا، نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش» شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

15-مارتتىكى ئىلى گېزىتىدە ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا ئىلى يېزىلىرىدىكى نامرات دېھقانلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ ئىشسىز تۇرۇۋاتقان ياشلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكىتلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» شوئارىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .

خىتاينىڭ ئىلى گېزىتىنىڭ 13-مارتتىكى سانىدا، دۈشەنبە كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا «نامراتلىقنى تۈگىتىش باھار شامىلى» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە مەزكۇر پائالىيەتتە نىلقا ناھىيىسى قاتارلىق شەرقىي 5 ناھىيەدىكى نامرات دېھقان-چارۋىچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋە رايوندىكى ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلاردىن ئىلى رايونىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەرگە 4500 كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل تۈردىكى پائالىيەتلەر يەنە، خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى»، خەلق گېزىتى قاتارلىقلاردىمۇ خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، رايوندىكى مۇقىملىققا ئاساس سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى.

ئەمما ئىلى دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىتلەردىكى ئاتالمىش، «نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» شوئارلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي شىركەتلىرى ۋە كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاراتقۇلاردىكى بۇ خىل خەۋەرلەرگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خانىم، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى تۈگەتكەن مىللىيلار چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ كەمگە كەلگۈچە ئانداق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، مۇنداق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق دەپ تەشۋىق قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان. ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ تۇرغىنى بولمىسا، باشقا يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگۈدەك ئەھۋالى يوق .ئانداق ئۆي سېلىپ بېرىۋاتىمىز، مۇنداق ياردەم قىلىۋاتىمىز دېگەنلىرىنىڭ يۈزنى دېسە ئۇنىڭ ئىچىدە ئاران 10 ئىشنى قىلىپ بېرىۋاتىدۇ.»

ئىلى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يەنە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىلى دىيارىدا قۇرۇلغان خىتاي كان شىركەتلىرىنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، 13-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ تۈگىتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ئۈچۈن، ئىلى رايونىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلىرىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە 3000 نەپەر ياشنىڭ شىركەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن 2600 نەپىرىنىڭ نەق مەيداندا ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىلىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ھېسابىغا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي شىركەتلىرىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى، ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ خانىم، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان دېھقانلار، ئىش پۇرسىتى يوق بىكارچىلىقتا كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. قورساق ئېچىۋاتقان، ئەمما ئىشلەي دېسە ئىش يوق. شىركەتلەر ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە خىتايلارنى ئەكېلىپ تولدۇرۇۋەتتى. ئۇيغۇرلارغا يول يوق، ئورۇن يوق. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلارغا خەنزۇچىنى بىلمەيدىكەنسەن دەپ تۇرۇۋالىدۇ. خەنزۇچىنى بىلگەنلەرنىڭ ئىچىدىمۇ يۈزدىن بىرى، ھەتتا مىڭدىن بىرى ئانچە-مۇنچە تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىپ قالىدۇ. ئەھۋالىمىز مانا شۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى دىيارىدا قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى 2010-يىلدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دىن كېيىن قۇرۇلغان.

«شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا غۇلجا ناھىيىسىگە يەرلەشكەن «چىڭخۇا كۆمۈر شىركىتى» مەزكۇر ناھىيىدىكى ئىلگىرىكى پىلىچى خاڭ نامىدىكى كۆمۈر كاننى 2010-يىلى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ پىلىچى خاڭ كۆمۈر كېنىغا يېقىن يېزىلىرىدىن ئىلگىرىكى پەنجىم يېزىسىغا قاراشلىق قاراياغاچ كەنتى، نوغايتۇ كەنتى، چولۇقاي، تۇرپانيۈزى يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ زور كۆلەمدىكى يېرىلغۇ يەرلىرى ۋە مېۋىلىك باغلىرى مەجبۇرىي ھالدا «چىڭخۇا كۆمۈر شىركىتى» گە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىلگەنلىكى مەتبۇئاتلاردىن مەلۇم بولغان ئىدى.

ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ئۆزىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن يەرلىرىنى چىڭخۇا شىركىتىگە مەجبۇرىي سېتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر يېزىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر يېزا كادىرى، يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بەرگەن دېھقانلارنىڭ سېتىپ بېرىلگەن يەرلىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا تولۇقلىما ياردەم نامىدا تۆلەم پۇلغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىرى ۋە باغلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ يەنىلا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى يېزا، كەنتلەردە تۆۋەن مائاشلىق كەنت كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا زور كۆپچىلىك ياشلارنىڭ خىزمىتى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بىر ئوغلىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر خىتاي كادىر، نۆۋەتتە غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «نامراتلارغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «غۇلجىدا ھازىر بارلىق تىرىشچانلىق بىلەن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىۋاتىدۇ. باھار شامىلى پائالىيىتىمۇ ئەنە شۇ مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ بىرى. يېزىلارغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭمۇ ئاساسلىق خىزمىتى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش. ئىشسىز قالغان يېزا ياشلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. نامرات دېھقانلارغا ياردەم بېرىلىۋاتىدۇ» دېدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتا، نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش» تەشۋىقاتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش» شوئارى بىر تەرەپلىمە، يالغان تەشۋىقات بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەقىقىي سەۋەبنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقتىن ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن مەھرۇم قېلىشى، ئۆز زېمىنىدىكى ھوقۇقسىزلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇ نېگىزلىك مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا رايوندىكى نارازىلىق كەيپىياتى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.