خوتەندىكى لاگېرلاردا ئۆتكەن يىلى 558 كىشىنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.05.28
yengi-saqchi-yallanma-saqchi.jpg يېڭى قوبۇل قىلىنغان ياللانما ساقچىلار. 2018-يىلى فېۋرال، خوتەن.
RFA/Abduweli Ayup

كانادالىق ياش كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋ تەرىپىدىن خىتاي توربەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ ساقلىۋېلىنغان ۋە نۆۋەتتە خىتاي تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئۇيغۇر رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىغا ئائىت بىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنىڭ ئۆپكە كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. دائىرىلەر خوتەندىكى 7 ناھىيە بىر شەھەردىكى لاگېرلاردا ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، 558 كىشىنى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن. خەۋەردە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرى بايان قىلىنغان، ئەمما بىمارلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا لاگېرلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئۆلۈم سەۋەبى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.

كانادالىق ياش كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋ تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان مەزكۇر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەل كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق پونكىتى، ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 3‏-كۈنىگىچە خوتەندىكى 1 شەھەر 7 ناھىيەدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا بېرىپ، بۇ لاگېرلاردا پەيدا بولغان ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىدە تۇبېركۇليوز بىلەن يۇقۇملانغان 558 نەپەر تۇتقۇن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. لاگېرلاردىن يۆتكەلگەن بۇ بىمارلار، شۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا بىمارلاردىن ئايرىم جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان. خەۋەردە يەنە سەھىيە خادىملىرىنىڭ داۋالاش جەريانىدا ئەستايىدىل خىزمەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن بۇ 558 كىشىدىن قانچىسىنىڭ كېسىلىدە، قايسى دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقى بايان قىلىنمىغان. ئۆتكەن يىلى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا لاگېرلاردىكى شارائىتلارنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە قەشقەر 5-ئوتتۇرا يىغىۋېلىش لاگېرىدا، بىر مەھەللىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 3 كىشىنىڭ قازا قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خادىملار، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىغا ئائىت يۇقىرىقى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن خەۋەردە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلاردىن بارغان خادىملارنىڭ مەزكۇر كېسەل بايقالغانلىقى سەۋەبلىك 7 ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ ھەممىسىدە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقانلىقى ۋە يەرلىك سەھىيە خادىملىرىنىڭ سان ھەم ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن بىمارلارغا قارىتا مەۋجۇت ئىمكانلار دائىرىسىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ بايانلار، لاگېردىن يۆتكەلگەن تۇبېركۇليوز بىمارلىرىنى داۋالاشقا يەرلىكتە ئادەم كۈچى ۋە ئەسلىھە يېتىشمەيۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىشارەت قىلماقتا، شۇنداقلا، بۇ 558 بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ بېشارەت بەرمەكتە ئىكەن.

ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئۆتكەن يىلى يېڭىسارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ساغان يېزىسىدىنلا ئىككى ئايدا 5 كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن بىرىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ لاگېرغا ئادەم ئاپىرىشتا سان تولدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىلارنىمۇ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، ئىلگىرى كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ بولغان كىشىلەرنى دوختۇرخانىغا قايتا ئاپىرىپ، ئۇنىڭغا ساق دەپ دىئاگنوز قويدۇرۇۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىكى ئابدۇخالىق ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر بىمارنىڭ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈلۈپ قايتا دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى كەنت مۇدىرى تەرىپىدىن مۇنداق دەلىللەنگەن ئىدى.

كەنت مۇدىرى: بىرەيلەننى ئۆتكەن يىلى تۇتقاندا، بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولغاچقا كېسەل دەپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ يىلقى قاتتىق زەربە دولقۇنىدا ئۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قايتىدىن دىئاگنوز قويۇلدى ۋە تۇتۇلدى؛ بەلكىم ئۇنىڭغا ئۆي كېسىدۇ( جازا كېسلىدۇ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ دېمەكچى).

مۇخبىر: ئىسمى نېمە ئۇياقنىڭ؟
كەنت مۇدىرى: ئابدۇخالىق ئابدۇۋەلى.

كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋ ئاشكارىلىغان يۇقىرىقى ئۇچۇردا، ئۆپكە تۇبېركۇليوز بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى لاگېرلاردىمۇ بار يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ يىل ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا، غۇلجىنىڭ بايانداي يېزىسىدىنلا ئابدۇجاپپار، ئابدۇغاپپار قاتارلىق ئىككى كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدىن ئاشكارىلانغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 1 شەھەر 7 ناھىيەنىڭ ھەممىسىدىلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىرقانچە خەلقئارا سورۇندا ئىنكار قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.