«يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ» : لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشلىرى (2)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018.09.28
abdusalam-muhemmet-sabiq-lager-mehbus.jpg نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق لاگېر مەھبۇسى ئابدۇسالام مۇھەممەت ئەپەندى.
RFA/Jume

ئابدۇسالام مۇھەممەت: خالىسا ئىشىكنىڭ تۈۋىگە ئاچىقىپ ئۇرىدۇ

نۆۋەتتە 1 مىليونىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق تېمىغا ئايلانغان بىر كۈندە مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارا دەرۋازىسى ئىچىدىكى سىرلار تېخى تولۇق ئېچىلغىنى يوق.

ئۇنداقتا بۇ لاگېرلار زادى قانداق جاي؟ بۇ يەرگە بەند قىلىنغان كىشىلەر قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟ لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك «تەربىيىلەش ئورنى» مۇ؟

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا بىر مەزگىل قامالغاندىن كېيىن باشقا ئەللەرگە يەرلەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. بۈگۈن ئاڭلايدىغىنىڭلار «يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ ئىككىنچى قىسمى. بۇنىڭدا يەنە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق لاگېر مەھبۇسى ئابدۇسالام مۇھەممەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.

ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئابدۇسالام مۇھەممەت ئۈرۈمچىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، خوتەن ناھىيىسىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر قاماقخانىغا تاشلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتكۈسىز دەرىجىدىكى خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ ۋە شاھىت بولىدۇ. 

ئۇ ئالدى بىلەن تۈرمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قاماقخانا كامېرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالدى. 

ئۇنداقتا، كامېردىكى ئۇيغۇر «مەھبۇسلار» قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ؟ ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى ۋە قەدىر-قىممىتى دەپسەندە قىلىنامدۇ-يوق؟

ئابدۇسالام مۇھەممەتنىڭ بۇ سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابلىرى بىر قىسىم رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بايانلىرىدىكى تەپسىلاتلار خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ شەخسىيىتىنى پىنھان تۇتۇش ھەققىنىڭمۇ يوقلۇقىدىن ئىبارەت ئاچچىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزمۇنلارنىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئاڭلىتىشنى توغرا تاپتۇق.

ئابدۇسالام مۇھەممەت بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلىرىگە ئاساسەن مۇپەسسەل بايان قىلدى. ئەمما ئۇ تۈرمىدە تارتقان خورلۇق ۋە زۇلۇملار ھەققىدە توختالغاندا كۆزلىرى ئەلەمگە، چىرايى پىغانغا تولدى. 

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزنى بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە ئاڭلىتىمىز. تۈرمىگە بەند قىلىنغان ئاتالمىش گۇماندار ئۇيغۇرلار يەنە قانداق خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ؟ ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى بىر كۈنى قانداق ئۆتىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كېلەر قېتىملىق سۆھبىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.