«تېررورلۇقنى پاش قىلىش مۇكاپات تۈزۈمى» ساقچىلارنىڭ پۇل تېپىش يولى بولۇپ قالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.09
xitay-saqchi-tekshurush.jpg خىتاي ساقچى ھېيت ھارپىسىدا قۇشخانىغا كالا ئېلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرنى توسۇۋالغان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 25-ئىيۇن، قەشقەر.
AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016‏-يىلنىڭ 4‏-ئايدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، «تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق» قا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن پۇقرالارغا 500 مىڭ يۈەن مۇكاپات تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا يەرلىك بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇ خىل ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن پۇقرالارنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى 5 مىليون يۈەنگە قەدەر ئۆستۈرگەن ئىدى.

بىراق ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى يەرلىك پۇقرالارنىڭ پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئاتالمىش «تېررورچى» ۋە «رادىكال ئۇنسۇر» لارنى پاش قىلىش مۇكاپات تۈزۈمى يولغا قويغاندىن بۇيان، بۇ تۈزۈم نۇرغۇن يەرلىك مىللەت زاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە قولغا ئېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قازاق پۇقراسى پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ تۈزۈم كىشىلەرنىڭ مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن يالغان دېلو مەلۇم قىلىش ياكى دېلو ياساش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ يەرلىك مىللەت زاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، نۇرغۇن ناھەق دېلولارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قازاق پۇقراسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال يەرلىك ج خ ئورگانلىرىدا ئېغىر ئىكەن.

ئالتايدا ئالتۇرۇشلۇق يەنە بىر قازاق پۇقراسى پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز بەرگەن ئۇچۇرىدا، يۇقىرىقى قازاق پۇقراسىنىڭ سۆزلىرىنى دەلىللىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر خەلق ئاممىسىنىڭ ئىچىدە ج خ ئىدارىسىگە يالغان دېلو مەلۇم قىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئۇنداق كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ساقچىلار چۆنتىكىگە سېلىۋاتىدۇ. ھازىر شىنجاڭدىكى ج خ ئىدارىلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ چىقىرىۋالغان يەرلىك سىياسىتى كۆپ. ئۇلار نېمە قىلىمەن دېسە شۇنى قىلىدۇ. پۇل ئالسىلا بولدى. مەسىلەن، بىر ئادەم تۇتۇلسا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەيدۇ.»

بىز مەزكۇر ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار سۇئاللىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىمى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، «يالغان دېلو مەلۇم قىلغانلار قانۇنىي جازاغا تارتىلىدۇ،» دېدى. بىراق بۇ نۆۋەتچى ساقچى ئۇلارنىڭ ناھىيەسىدە يالغان دېلو مەلۇم قىلىپ، جازاغا تارتىلغان ساقچى ياكى ياردەمچى ساقچىلارنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋپا بېرىشنى رەت قىلدى.

خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا يەرلىك مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسىنى 5 مىليون يۈەنگە چىقارغان. مەزكۇر چارە «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇكاپاتلاش چارىسى» دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر چارىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرى «ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار» نى، «ئىككى يۆزلىمىچى دىنىي زاتلار» نى، «ياۋا ئىمام» ۋە جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن مەسىلىلەرنى مەقسەدلىك پاش قىلىشقا، باشقىلارنى ئەرز قىلىشقا قۇتراتقان كىشىلەرنى پاش قىلىشقا قارىتىلغان ئىدى.

مەزكۇر چارە ئىلگىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنىڭ سۇيىئىستېمالغا يول ئاچىدىغانلىقى بۇرۇنلا مەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ «يانچۇقىنى تولدۇرىدىغان يولغا ئايلىنىپ قالدى،» دەيدۇ.

دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ج خ ئورۇنلىرى بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن مەبلەغگە ئېرىشىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ يانچۇقىنى قامدايدىغان يولغا ئايلىنىپ قالدى. بىر ئادەمنى تۇتۇش پالانچى پۇل، بىر ئادەمنى پاش قىلىش پالانچى پۇل. پاش قىلغانلار بىر قىسمىنى ساقچىلار بىر بىر قىسمىنى ئالىدىغان بۇ ئەھۋاللار ئوچۇق-ئاشكارا بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىچكى قىسىمدا ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەسىلە.»

دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، د ئۇ ق ئىلگىرى «مۇكاپاتلاش چارىسى» نىڭ سۇيىئىستېمالغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ناھەق دېلولارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ناھەق جازالىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭغا قارشى چىققان ئىدى. دىلشات رېشىت يەنە خىتاي دائىلىرىنى رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇكاپاتلاش چارىسىنى بىكار قىلىشقا، تېخىمۇ ئېغىر ناھەقچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

دىلشات رىشىت يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنداق ھەرىكەت داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي مۇشۇ سىياسەتنى توختىتىشى، ئاتالمىش مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشى لازىم.»

ئالتايلىق يۇقىرىقى قازاق پۇقراسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بەزى ساقچىلار بىلەن ياردەمچى ساقچىلار ئادەم تۇتۇش مەسىلىسىدە تىل بىرىكتۈرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، يەرلىك ج خ دائىرىلىرىنىڭ ياردەمچى ساقچىلارنى ئادەم تۇتۇشقا رىغبەرلەندۈرىدىغانلىقى، ئەگەر ياردەمچى ساقچى ئادەم تۇتۇپ كېلىپ، تۇتقان ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇلسا، ئۇنىڭ بانكا ھېساب نومۇرىغا شۇ كۈنىلا 5 مىڭ يۈەن ياتقۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھەر بىر ياردەمچى ساقچىنىڭ بىر بانكا ھېساب نومۇرى بار بولۇپ، بۇ ھېساب نومۇرىنى ئاپتونوم رايون باشقۇرىدىكەن. ئۇ، مۇخبىرىمىزغا يەنە «بەزى كىشىلەر باشقىلارنى پاش قىلىشنى پۇل تېپىشنىڭ يولىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇنىڭدا بەزى ساقچىلارنىڭ ياردەمچى ساقچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.