ئويمانبايتوقايدىكى كوللېكتىپ تۇتقۇنغا پارتىيە ئەزاسىنىڭ نەزىرىگە بارماسلىق سەۋەب بولغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.03.22
xoten-tutqun-partlash-qarshiliq.jpg ئۈرۈمچى، يەكەن قاتارلىق جايلاردا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 27-ماي، خوتەن.
Oqurmen teminligen

بىز تۈنۈگۈن غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئويمانبايتوقاي كەنتىدە 2 ئاي بۇرۇن داۋام قىلغان بىر قېتىملىق كوللېكتىپ تۇتقۇندا 41 كىشىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، بۇ كوللېكتىپ تۇتقۇننىڭ سەۋەبى ئايدىڭلاشتى. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەۋەلىكتىكى كەنت، مەھەللە ۋە پونكىت باشلىقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 3 ئاينىڭ ئالدىدا ئويمانبايتوقاي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى ھارۇنخان دېگەن كىشى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى نەزىر ئۆتكۈزگەندە كەنت مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋە مەزىنى باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ياش جامائەت نەزىرگە قاتناشمىغان. كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ نەزىرىگە قاتناشماسلىق، دائىرىلەر تەرىپىدىن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىپ، شۇ قېتىملىق نەزىرگە قاتناشمىغان 41 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.