ئويمانبايتوقايلىق 41 نەپەر سىياسىي تۇتقۇندىن 12 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.03.23
Oymanbaytoqay-yezisi.jpg 41 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇن قىلىنغان ئويمانبايتوقاي كەنتىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى.
google

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيە ئارائۆستەڭ يېزىسىدا ئىككى ئاي ئاۋۋال داۋام قىلغان كوللېكتىپ تۇتقۇن ھەققىدىكى تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا 41 نەپەر سىياسىي تۇتقۇندىن 12 نەپىرىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ كىچىكى 17 ياش، چوڭى 51 ياش بولۇپ، ئارىسىدا يەنە 1997 ‏-يىلىدىكى 5 ‏-فېۋرال ۋەقەسىگە قاتنىشىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ياسىنجان ئېلاخۇنمۇ بار ئىكەن. تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئارائۆستەڭ يېزىسىدىكى كەنت ۋە مەھەللە باشلىقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئويمانبايتوقاي مەسچىتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئىمامى ئەنۋەر ھەسەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ئىلىم تەھسىل قىلغان، يېقىندا غۇلجىغا يەرلەشكەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كومپارتىيە ئەزاسى ھارۇن دېگەن كىشىنىڭ نەزىرىگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان 41 نەپەر سىياسىي تۇتقۇندىن 12 نەپىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئەنۋەر ھەسەن (51)، ئەكبەر نەسىردىن (31)، سالاھىدىن زامان (32)، ئابدۇراخمان قېيىم (30)، فەرۇخ سۇلتان (26)، ئابدۇۋەكىل سېيىت (30)، ئالىم سېيىت (27)، ئېلى ئەنۋەر (20)، ياسىنجان ئېلاخۇن (42)، دىلشات مىجىت (25)، ئەزىمەت قېيىم (28)، ئادىلجان ھامۇت (17).

بۇلاردىن ئەنۋەر ھەسەن ئويمانبايتوقاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى، ئەكبەر نەسىردىن مەزكۇر مەسچىتنىڭ مەزىنى، بۇ ئىككى نەپىرى كوللېكتىپ تۇتقۇننىڭ دەسلەپكى كۈندىلا قاماققا ئېلىنغان.

يەنە بايان قىلىنىشىچە، 200 ئەتراپىدا ئائىلىدىن تەركىب تاپقان ئويمانبايتوقايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قۇدا -باجا بولۇپ، تۇتقۇندىكى 41 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ كۆپىنچىسى بىر-بىرى بىلەن يېقىن ياكى يىراقتىن تۇغقانلار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.