خىتاينىڭ لاگېرلارنى «قانۇنلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا(2)

مۇخبىرىمىز سادا
2018-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسىنى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسىنى.
xjpcsc.gov.cn

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قىلچە پىسەنت قىلماي، ئۇنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن پەردازلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا تولۇق شارائىت ھازىرلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇنداقتا، نۆۋەتتىكى يېڭى نىزامنى يولغا قويۇش ھادىسىسى خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە يەنە قانداق يانتاياق بۆلىشى مۇمكىن؟ پروگراممىمىزنىڭ باشلانمىسىدا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن بىزگە بەرگەن مەلۇماتىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئاتالمىش ‹كەسپىي تېخنىكا مائارىپ تەربىيىلەش مەكتىپى› دېگىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دەھشەتلىك ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ماڭدۇرىدىغان ئورۇننىڭ سىلىقلاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئېنىقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە تولۇق ئىتائەت قىلدۇرۇش. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى كونترول قىلىدىغان مىكرو مەشغۇلاتنىڭ بىر دەرىجىسى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، «ۋول-سترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان «خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ‹قايتا تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى› نى ئېتىراپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە تېئولوگىيە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ بىر جۈملە سۆزى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ يېڭى نىزام ‹قايتا تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى› بىلەن ‹كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى› ئارىسىدا بەكلا بىۋاسىتە بىر ئۇلانمىنى شەكىللەندۈرگەن.» 

ماقالىدە يەنە چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتمۇ تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى «قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ يىل ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. 

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئىككى يىل بۇرۇنلا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئاتالمىش «چەتئەل جىھادچىلىرى» بىلەن باغلىنىشى بولغان «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى» نىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى تۈپتىن يوق قىلىش ئىكەن. چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل پاراكەندىچىلىكى ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرگە قويۇلغان قاتتىق چەكلىمە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئېلېكترونلۇق تەقىب سىستېمىسىمۇ بۇ خىل سىياسەتنىڭ ياردەمچى بۆلەكلىرى ئىكەن. 

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نىزام قارىماققا ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» دىكى ئەڭ ۋەھشىي قىلمىشلارنى كونترول قىلغاندەك بىر تۈسنى بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭىدىن قوشۇلغان ۋە تۈزىتىلگەن ماددىلاردا لاگېرلار بىخەتەرلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىش، تۇتقۇنلارنىڭ قايتىدىن جەمئىيەتكە قايتىشىنى ئاساسىي نىشان قىلىش قاتارلىقلار قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ «گۈزەل» ئارزۇ-ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەقىقىي بىر مېخانىزم تىلغا ئېلىنمىغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى مانا ئەمدى ھەقىقىي بىر يوسۇندا «قانۇنلاشتۇرۇش» قا ئۇرۇنماقتا. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ تۇيۇقسىز بۇ خىل يېڭى نىزامنى ئېلان قىلىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇنداق يېڭى نىزامنى ئېلان قىلىشى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يېپىش ئۈچۈندۇر. خەلقئاراغا لاگېرلارغا قامالغانلارغا ئۆزىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسىدا ئىش بېجىرىپ بېرىۋاتىمىز، دېگەن بىشارەتنى بېرىش ئۈچۈن يېڭىدىن چىققان نىزامنى مۇشۇنداق كېڭەيتتى، دەپ ئويلايمەن.»

11-ئۆكتەبىر كۈنى «قانۇن ۋاسىتىسى» (LawFare) ناملىق بلوگدا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى دونالد كلاركنىڭ «خىتاينىڭ يېڭى نىزامى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى قانۇنلاشتۇرالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك مۇھاكىمە ماقالىسى بېسىلغان. ماقالىدە ئاپتور بىر قانچە نۇقتىدىن لاگېرلارنىڭ قانۇنلىشالماسلىق سەۋەبىنى تەھلىل قىلغان. 

ئۇ تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك قانۇنلىرىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «ئاساسىي قانۇن» نىڭ 37-ماددىسى ۋە «قانۇن چىقىرىش قانۇنى» نىڭ 8-ۋە 9-ماددىسىغا ئاساسەن، خەلقنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش ياكى قويماسلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىشىدە خىتاينىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ياكى «ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» قاتارلىق چوڭ قانۇن سىستېمىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تەدبىقلانمىغان ئىكەن. 

بۇنىڭغا قوشۇپ دونالد كلارك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام» نىڭ قانۇنىي ئاساسى ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئادەم تۇتۇش ھوقۇقى بار دېگەن تەقدىردىمۇ، چىقىرىلغان قانۇنلار بەلگىلىك قانۇنىي ئاساسنى ھازىرلىيالمايدىكەن. ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر «نىزام» دا «مائارىپ تېخنىكا تەربىيە مەكتىپى» دەپ ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئورۇنلارنىڭ مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان جاي ئىكەنلىكى ياكى قانداق ئادەملەرنىڭ ئۇ يەرلەرگە سولىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىكەن. ئۇ يەنە پەقەتلا «مائارىپ تېخنىكا تەربىيە مەكتىپى» دېگەن ئاتالغۇنى قويۇۋېلىپلا، رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق بىر ئىشقا يۈرگۈزمەكچى بولغان سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالسا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 

ئاخىرىدا ئاپتور يېڭى «نىزام» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن باشقا ھەرقانداق جايدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاتالمىش «قانۇنلاشتۇرالمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن ھەمدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ زور كۆلەمدە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىق مەسىلىسىنىمۇ قوشۇپ قويغان. 

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ياشلاردىن تارتىپ قېرىلارغىچە ھەممىسى سولانغان. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق گۇناھى بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا جىنايەتچى قاتارىدا مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشتا جار سېلىپ كېلىۋاتقان جىنايەت تۈرلىرىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى»، «ئەسەبىي ئىدىيە ۋە بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى» قاتارلىق بىر تۈرلۈك جىنايەتلەر بار. رادىيومىزغا كەلگەن بەزى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئەر كىشىلەر ئاساسەن تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، مەھەللىدە قەپ قالغان 2-3 ئوغۇل بالىلار باشقىلارنىڭ لاگېرلارغا ئەكىتىلمەپتۇ، دېيىشىدىن قورقۇپ، ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا مۇشۇنداق يوقىتىش خاراكتېرلىك ئازابنى سېلىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى نومۇسسىزلارچە «قانۇنلاشتۇرۇش» قا ئۇرۇنۇشى نېمىدىن دېرەك بېرەر؟ بۇ ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟ نۇرىي تۈركەل ئەپەندىم مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «دۇنيا جامائەتچىلىكىدە خىتايغا نىسبەتەن تەنقىدىي پىكىر كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنداق يېڭى نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇشى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە كەڭ كۆلەملىك ئىمتىيازلارنى يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق 21-ئەسىردىكى يىغىۋېلىش لاگېرى تۈزۈمىنىڭ ئىجرا بولۇشىغا يول ئېچىلىدۇ. خىتاي مۇشۇنداق قىلمىشلار ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنى ئىنتايىن توغرا ئىش قىلىۋاتىمىز، دەپ كۆرسىتىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت