جېيمىس مىللۋارد: «نازارەت دۆلىتىدىكى ھايات قانداق بولىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەلۇم سودا-سېتىق بازىرىنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتى. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
مەلۇم سودا-سېتىق بازىرىنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتى. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP Photo/Ng Han Guan

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن س ن ن تېلېۋىزىيەسى، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ۋە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق قاتتىق نازارەت ۋە بېسىم سىستېمىسى ھەم شۇنداقلا يۈزمىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ قامالغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم خەۋەر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

3-فېۋرال كۈنى، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئامېرىكا جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، تونۇلغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر دىيارى تارىخى ھەققىدىكى «ياۋرو-ئاسىيا ئۆتكىلى-شىنجاڭنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جېيمىس مىلۋارد ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان «نازارەت دۆلىتىدىكى ھايات قانداق بولىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ماقالە ئالاقە تور بەتلىرىدە نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلىنىپ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى ناھايىتى ئوچۇق يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلىغان:
«تۆۋەندىكىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىڭىز ئىكەنلىكىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغىنىڭىزدا 100 مېتىردا بىر ساقچى ئۆتكىلىدىن ئۆتىسىز. ھەربىر كوچا بۇلۇڭىدا ۋە چىراغ ستولبىلىرىدا سىزنىڭ يۈزىڭىزنى پەرقلەندۈرۈپ، ھەرىكىتىڭىزنى نازارەت قىلىدىغان كامېرالار ئېسىلغان. ساقچىلار سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى، كۆز قارىچۇقىڭىزنى ۋە تېلېفونىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرىدىغان بىر قانچىلىغان ساقچى توسۇقلىرىدىن ئۆتىسىز. دۇكانغا ۋە بانكىغا كىرىپ قالسىڭىز يەنە قايتىدىن يۇقىرىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىسىز. سومكىڭىز خ نۇرىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىز ئۈسكۈنە بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ. ئەگەر سىز ئاساسلىق مىللەت دەپ قارىلىۋاتقان گۇرۇپپىدىن بولمايلا قالسىڭىز، ئۇ ھالدا چوقۇم بۇ تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئاساسلىق مىللەت كىشىلىرى بۇنداق تەكشۈرۈشلەردىن كۆپىنچە ھاللاردا ئۆتمەيدۇ».

ئاپتور ماقالىسىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
«سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتى، دىنى ئېتىقادىڭىز، مەدەنىيەت سەۋىيەڭىز، پاسپورت ئېلىپ-ئالمىغانلىقىڭىز، چەت‘ئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلىرىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقى، قولغا ئېلىنغان بىرەر تۇغقىنىڭىز ياكى تونۇشىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقى دېگەنلەرگە جاۋاب بېرىپ جەدۋەل تولدۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئۇچۇرلار سىزنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە كىملىك نومۇرىڭىز ئاستىدا ئارخىپلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن سىزگە بىخەتەر، نورمال ۋە ياكى بىخەتەر ئەمەس دېگەن ئۆلچەملەر بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ. نومۇرىڭىزغا قاراپ سىز بەلكىم مۇزېيلارغا بارالماسلىقىڭىز، بەزى مەھەللە-رايونلارغا، سودا-سارايلارغا كىرەلمەسلىكىڭىز، ئۆي ئىجارە ئېلىشتىن چەكلىنىشىڭىز، خىزمەت تاپالماسلىقىڭىز ۋە ھەتتا پويىز بېلىتىمۇ ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بەلكىم يەنە مىڭلىغان كىشىگە ئوخشاش تۇتقۇن قىلىنىپ، قايتا تەربىيەدىن ئۆتكۈزۈلۈشىڭىز مۇمكىن. يۇقىرىدىكىلەر ئىلمىي فانتازىيەلەردە تەسۋىرلىنىدىغان بىر ماكانمۇ؟ ياق، بۇ خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدۇر».

ئامېرىكا «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، پروفېسسور جېيمىس مىللۋاردنىڭ بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە ئائىت تەپسىلاتلارنىڭ ناھايىتى ياخشى پۈتۈنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋاللار ماڭا يات ئەمەس. ئەمما جېيمىس مىللۋارد ھەربىر تەپسىلاتنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر پۈتۈن ۋەزىيەتنى سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا ناھايىتى مۇكەممەل شەكىلدە نامايان قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن، ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا سىز ھەقىقەتەن بىر ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايە ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز، بىراق كېيىن بۇنىڭ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان، يەنە كېلىپ خىتايدەك دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىدەك بىر پاكىتنى كۆرىسىز. بۇ ماقالە جېيمىس مىلۋاردقا ئوخشاش ئۆز ساھەسىدە تونۇلغان، ئىلىم ساھەسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن بىر ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتچى تەرىپىدىن يېزىلىشى ۋە ‹نيۇ-يوركتا ۋاقتى› گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ كۈپ ئوقۇرمەنلەرگە يېتىپ بارىدۇ ۋە ئۇلاردا زور تەسىر قوزغايدۇ. شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. چۈنكى بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلار تولىمۇ خەتەرلىك. بىز ئاللىقاچان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ سىناق قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك».

پروفېسسور جېيمىس مىللۋارد ماقالىسى داۋامىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن يېڭىلىغانلىقىنى، 2009-يىلىدىن كېيىن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردىكى ئىسلامچى ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ئۆز ھەرىكىتىنى ئاقلاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاپتور جېيمىس مىللۋارد ئۆزىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەتنىڭ ھەر ۋاقىت جىددىيلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما دۆلەت بېسىمىنىڭ ھېچقاچان چېن چۈەنگو دەۋرىدىكىدەك بۇنداق قاتتىق بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو تىبەتتىن يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە چىقارغانلىقى، ئۇيغۇرلار ھەتتا چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشىكىگە ساقچى كېلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھەم شۇنداقلا تاماكا چەكمەسلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي بىر تاللاشنىمۇ «رادىكاللىقنىڭ ئالامىتى» قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى، ھەتتا بىر ئۇيغۇر ئارتىس ياكى بېيىپ پۇل تاپقان بىرى بولۇپ قېلىشمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇددەتسىز ھالدا يېپىق تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن.

جېيمىس مىللۋارد ماقالىسىدە، گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئاساسەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇنىڭ ئالاھازەل 500 مىڭ كىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسىكى ئەپەندى سۆزىدە، نۆۋەتتە ئىگىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىزدىنىشلەرگە ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان رەقەملەر تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما رەقەم قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق قانۇنى ئاساسىي بولمىغان ۋە ئىنسانلارنى قانۇنسىز ھالدا مۇھاسىرىگە ئالىدىغان بۇنداق ئورۇنلارنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدىن يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى سورىشى كېرەك، ئۇيغۇر ئېلىگە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ئەۋەتىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك»، دەپ ئەسكەرتتى.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ئۇيغۇر خىتاينىڭ قاتتىق سىياسەتلىرىگە نىشان بولدى؟ جېيمىس مىللۋارد ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:
«بىر خىتاي ئەمەلدار قەشقەردە قىلغان بىر سۆزىدە شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹يېپىق تەربىيەلەش› خۇددى ‹ياۋا ئۆت-چۆپلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن زىرائەتلەرگە دورا چاچقانغا ئوخشاش بىر ئىش› دېگەن. قارىماققا، خىتاي كومپارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قايتا شەرھلەۋاتقاندەك قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پەرقلىق مىللەت بولۇشنىڭ ئۆزىنى بىر تەھدىت، دەپ قاراۋاتقان شارائىتتا، چېن چۈەنگوغا ئوخشاش يەرلىكتىكى ئەمەلدارلار ئۆزىنى خۇددى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بىراقلا نىشانغا ئېلىش ئۈچۈن ھوقۇقلاندۇرۇلغاندەك ھېس قىلماقتا».

ئاپتور يەنە تۆۋەندىكىدەك مۇلاھىزە قىلغان: «بەزى خىتاي سىياسەتچىلەر ۋە ئىلىم ئادەملىرى ھۆكۈمەتنىڭ پۈتكۈل رايوننى قامال قىلىپ، پۈتكۈل مىللەتنى نىشان قىلىش سىياسىتىنى قوللىمايدۇ. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە چېن چۈەنگو يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەرنى چىقىمى ناھايىتى ئېغىر بولغان سىياسەتلەر، بۇنىڭغا داۋام قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، دەيدۇ. شىنجاڭغا يەرلەشكەن خىتايلارمۇ بۇ ساقچى دۆلىتى تۈزۈملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئەپ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىدىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ ئىشنىڭ خەلقئارادىكى ئىنكاسىغا قارايدىغان بولساق، دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قالايمىقان تاشقى سىياسىتى خىتاي ئۈچۈن ئۆزىنى بازارغا سالىدىغان ناھايىتى ئوبدان بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ بۇنداق بېسىم سىياسەتلىرى ئۇنىڭ خەلقئارادا ھۆرمەتكە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داۋوستا نامايان قىلغان خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ قوغدىغۇچىسىدەك قىياپىتى بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ چەتئەللەرگە ‹يۇمشاق كۈچ› ئارقىلىق كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ بىراقلا يوققا چىقىدۇ».

جېيمىس مىللۋارد ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىنى قاتتىق باستۇرۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر ياقتىن يەنە ئۇنى «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» نىڭ دەرۋازىسى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇنىڭ دۇنياغا «يېڭى يىپەك يولى» ئارقىلىق قىلىۋاتقان ۋەدىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىچكى سىياسىتىنىڭ بىر-بىرىگە تۈپتىن قارمۇ-قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئاخىرىدا تۆۋەندىكىدەك بىر يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان: «بۇ پارتىيە شىنجاڭدا بىر ياقتىن رامازاننى چەكلەپ، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى دۇكىنىدا ھاراق سېتىشقا زورلاپ تۇرۇقلۇق، ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشتىن چەكلەپ تۇرۇپ، يەنە قانداقسىگە پاكىستان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقلىرى بىلەن ياخشى ئۆتۈپ كېتىمەن دەپ ئويلايدىغاندۇ؟ بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ جىمجىت ماقۇللىغىنى قولغا كەلتۈرىمەن، دەپ قارايدىغاندۇ. لېكىن، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى مىڭلارچە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچى ئاللىقاچان خىتاي دىپلوماتىيەسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. تىبەتلەرگىغۇ خىتاينىڭ زالىم يۈزى تونۇشلۇق. ئەمما خوڭكوڭلۇقلار چوقۇم، ئەگەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جىنايەت دەپ قارالغان ۋە بۇ ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيەسىمۇ ساختا بولۇپ چىققان بولسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ كانتونى مەدەنىيىتىمىزگە ۋە بىزگە بېرىلگەن ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› دېگەن ۋەدىگە نېمە بولار؟ تەيۋەن، ئەگەر خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىرلەشسە، تەيۋەننىڭ ھالى نېمە بولار›؟ بۇ ‹زور سانلىق مەلۇمات-ساقچى دۆلىتى› پۈتكۈل دۆلەتكە يېيىلارمۇ؟ پۈتۈن دۇنياغىچۇ؟ دەپ ئويلاۋاتىدۇ. مەنچە، خىتاينىڭ نوپۇزى دۇنيا سەھنىسىدە زورىيىۋاتقان بىر شارائىتتا ھەر بىر كىشى چوقۇم شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار، پەقەت شىنجاڭ بىلەنلا تۈگەرمۇ؟، دېگەننى ئوبدان ئويلىشىشى كېرەك».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت