كەنت مۇدىرى: «1980‏- ۋە 1990‏-يىللاردا تۇغۇلغانلار ‹خەتەرلىك نەسىل› دېگەن كاتېگورىيەدە تۇتۇلۇۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.03.19
herbiyy-qoralliq-kuch-charlash-tekshurush-kocha.jpg بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ كوچىدىكى خىتاي قوراللىق ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 16-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP Photo/Elizabeth Dalziel

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيە» دولقۇنىدا 1980‏-ۋە 1990‏-يىللىرى تۇغۇلغان ياشلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «خەتەرلىك نەسىل» دېگەن نام بىلەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «تەربىيەلەش» نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى بەزى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيە» ھەرىكىتىگە ئىشارەتلىك ھالدا ئىزاھات بېرىپ، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسىدىن «يۇقۇملانغانلار» غا قارىتا ئىدىيە جەھەتتىن تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دائىرىلەر بەزى ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىدا سابىق مەھبۇسلار، سابىق گۇماندارلار، دىنىي كەيپىياتى قويۇق بولغانلار، چەتئەللەرنى زىيارەت قىلغانلار قاتارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەر يەتكۈزگەن ۋە ياكى يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بايقالغان كىشىلەرنىڭ «تەربىيەلەش نىشانى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يالغۇز ئىش-ھەرىكىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى تۇغۇلغان دەۋرىنىڭمۇ «جىنايەت» كە ياكى «جىنايەت گۇمانى» غا پاكىت قىلىنغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى 1980‏- ۋە 1990‏-يىللاردا تۇغۇلغان ياشلارنىڭ «يېپىق تەربىيە» گە ئاپىرىلىش ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

غۇلجا شەھىرى بايانداي يېزا 2‏-كەنتنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئۆز كەنتىدىكى بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ «بالىڭخۇ، جيۇلىڭخۇ»، يەنى «1980‏- ۋە 1990‏-يىللاردا تۇغۇلغان نوپۇس» دېگەن كاتېگورىيەدە تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بايانداي 3‏-كەنتنىڭ ئاياللار مۇدىرىمۇ 1980‏- ۋە 1990‏-يىللىرى تۇغۇلغان ياشلارنىڭ ھېچقانداق بىر گۇمانلىق ئىش-ھەرىكىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ «خەتەرلىك نەسىل» دەپ قارىلىپ تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ئۇيغۇر دىيارىدا «يېپىق تەربىيە» يېڭىدىن باشلانغاندا چەتئەللەرنى زىيارەت قىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ئىلگىرىكى يىللاردا بىر مەزگىل دىنىي كەيپىياتى قويۇق بولغانلار، يەنى 10‏-15 يىلنىڭ ئالدىدا ئورانغان ياكى ساقال قويغانلار، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىچىدە دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغانلار ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى قىلىنغان بولسا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا «نۇقتىلىق ئائىلىلەر»، يەنى «چېكىتى بار شەخسلەر» بىلەن مۇناسىۋەت قىلغانلار ئاساسلىق تەقىب نىشانى قىلىنغان. بايانداي يېزىلىق ئاياللار مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 3‏-ئايدا قايتا ئەۋجىگە چىققان «تەربىيەلەش» كە ئادەم تۇتۇش دولقۇنىدا 1980‏- ۋە 1990‏-يىللىرى تۇغۇلغان ياشلار ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى قىلىنغان.

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر نۆۋەتتە ئىلگىرىكى يىللاردا پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلمىغانلار، نوپۇسىنى ئۇياق-بۇياققا يۆتكىگەنلەر دېگەندەك يېڭى-يېڭى كاتېگورىيەلەر بويىچە قارا تىزىملىك تۇرغۇزماقتىكەن. بەزى ئۇچۇرلاردىن 2000‏-يىللىرى تۇغۇلغان بالىلارنىڭمۇ «خەتەرلىك نەسىل» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

بايانداي يېزا 3‏-كەنت 5‏-مەھەللە ئەزاسى، زېھنى ئاجىز ئايال ھەنىپە كېرىم، 1985‏-يىلى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان. ساقچىلار ھەنىپەنى تۇتقاندا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئوچۇق ھالدا «خاتىرجەمسىز بالىلار» يەنى «خەتەرلىك نەسىل» دېگەن كاتېگورىيە بويىچە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداق يېزىپ قويۇشنى تاپىلىغان. ھەنىپەنىڭ ئاپىسى، قىزىنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان 1980‏-يىللاردا تۇغۇلۇشىدەك بۇ يېڭى «جىنايەت» تۈرىنى ئەقلىدىن ئۆتكۈزەلمىسىمۇ، چارىسىزلىك ئىچىدە زېھنى ئاجىز قىزىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشىگە سۈكۈت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.