ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاتالمىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت تېلېفونلىرىنى ئالغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.05.18
xitay-elchisidin-tehdit-telefon.jpg «كۇئارتېز» تورىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا نامىدىن كەلگەن تېلېفونلار مەسىلىسىگە ئائىت تەپسىلات.
qz.com

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ تەربىيىلەش مەركەزلىرى نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولۇنۇۋاتقان مەزگىلدە، يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل تەھدىتلەر كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشىمايدىغان تەھدىت ئۇچۇرلىرى ياكى ئاتالمىش خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى نامىدا ئۇرۇلغان تېلېفونلارنى ئالغان. مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.

18-ماي كۈنى ئەتىگەن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئامېرىكىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرقانچە ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاتالمىش خىزمەتچى خادىمىدىن كەلگەن تەھدىت تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قول تېلېفونىغا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىمى نامىدا كەلگەن ئاپتوماتىك ئاۋازلارنىڭ بەزىلىرىدە، ئۇلارغا خىتاي دۆلىتى ئىچىدىن كەلگەن پوچتا يوللانمىسى بارلىقى، تەپسىلاتىنى تېلېفون قايتۇرسا دەپ بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، يەنە بەزىلىرىدە ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىلگىرى خىتاي پۇقراسى بولغان شۇ كىشىنىڭ مەلۇم ئىقتىسادىي دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن تېزلىكتە ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش تەلەپ قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ش ش خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 16-ماي چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى نامىدىن كەلگەن ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئىقتىسادىي دېلوغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى تەھدىت تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىمى دەپ تونۇشتۇرغان خىتاي خادىم بىلەن سۆزلەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ساقلاپ قويغان. 18-ماي جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئۆزى يولۇققان ئەھۋالنى ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان. 

18-ماي ئەتىگەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خانىممۇ ئۆزىنىڭ ئوخشاش مەزمۇندىكى تېلېفون ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ بايانىدا، ئۆزىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ خىل تەھدىت تېلېفونلىرىنى ئالغانلىقىنى، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان بۇ خىل تېلېفون تەھدىتلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتىنى كۆرگەنلىكىنى، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە بۇ خىل تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، يەنىلا ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ خىل ساقتا تېلېفونلار بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلغان ھەم بۇ باياناتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىخانا تور بېتىدە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا ئېلان قىلغان.  

http://www.china-embassy.org/eng/notices/t1552587.htm

بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا نامىدىن كەلگەن تېلېفونلار مەسىلىسىگە ئائىت بىر تەپسىلاتمۇ «كۇئارتېز» تورىدا ئېلان قىلىنغان.

https://qz.com/1255889/phone-scammers-are-targeting-chinese-speakers-in-the-us

يۇقىرىقى ھەر ئىككىلا ئۇلانمىدا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ھەتتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانا خادىمى نامىدىكى تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى ئالغان بولسا، بۇ ئۇچۇرنىڭ ساختىلىقى ھەم ئۇلارنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى دەپ بىلىشى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ خىتاي ئەلچىخانا خادىمى نامىدا كەلگەن بۇ خىل تەھدىت تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىغان. ئۆزىنىڭمۇ بۇ خىل تەھدىت تېلېفونىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ش ش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان بۇ خىل تەھدىت تېلېفونلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىدىن كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ تېلېفونلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا روھى جەھەتتىن بېسىم قىلىش ئۈچۈن قوللانغان پسىخىكىلىق جەھەتتىن زەربە بېرىش تاكتىكىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئۆتكەن ئايدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلاردىن خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ نامىدا ئۇرۇلغان تەھدىت تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ خىل تەھدىت تېلېفونلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئەمەس، بەلكى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىلىپ، ھازىرچە بۇ خىل تەھدىت تېلېفونلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش سىياسىتىنى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى شارائىتتا، دائىرىلەرنىڭ يەنە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ھەر خىل بېسىملارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پسىخىكا جەھەتتىن بېسىم قىلىش ۋە قورقۇتۇش ئۇسۇلى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە ئامېرىكا قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقۇش مۈمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئۆزىگە تېلېفون تەھدىتى قىلغۇچىغا، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق شەخسىي ئۇچۇرىنى بەرمەسلىكى، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ۋە چوقۇم ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.