كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ قول ئاستىدىكى ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنىڭ پات-پاتلا ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.
مۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلەر بولۇپمۇ 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشىدىن كېيىن بېسىلىشقا باشلىغان ئىدى، چۈنكى غۇلجا قانلىق ۋەقەسى ئەنە شۇ ۋاقىتتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ، بىر قاتار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە-بەزى سىياسەتشۇناسلار، ئانالىزچىلار بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادا قېلىپلاشقان ۋەزىيەتنى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن باغلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.
يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى، 21-ئەسىردە خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلىنىش مەخپىي ئىستراتېگىيىسى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى مۇقانمېدىي ئاسانبېكوف شەرقىي تۈركىستان قاچاقلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2000-يىلى نويابىر سانىدا بېسىلغان بېيجىڭدىكى خىتاي ئانتروپولوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىيىسى تەييارلىغان ۋ 5500796 نومۇرلۇق ئىنتايىن مەخپىي ھۆججىتىدە، خىتاينىڭ 21-ئەسىردە دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلىنىشىنىڭ مەخپىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
م. ئاسانبېكوفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ پىلاننى دۆلەتنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي-مەدەنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر قاتاردا تاشقى سىياسىي ۋەزىپىلەرنىمۇ، شۇ جۈملىدىن قوشنا مەملىكەتلەر ئۈستىدىكى كونترولنى كۈچەيتىپ، بارا-بارا ئۇلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ باسقۇچتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن. خىتاي ئۈچ مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ، بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن قاراتقان سىياسىتىدە بېسىپ كىرىش ئىستراتېگىيىسىنى تۇتۇپ كەلگەن. ئەمدى ئۇنىڭ جاكارلاۋاتقان تىنچ تاشقى سىياسىتى بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق باردۇر. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاخىرقى ئون يىل ئىچىدە خىتاي، بىرىنچىدىن، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆچۈپ يەرلىشىشىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىسە، ئىككىنچىدىن، نېفىت، گاز ۋە باشقىمۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئىگە مەملىكەتلەرگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىش پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. خىتاي مەزكۇر پىلانىنى، ئەنە شۇ ئىستراتېگىيىدە كۆرسىتىلگەندەك، ئۆزىنىڭ غەربىي شىمالى رايونى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يەرلىك ئاھالە سانىنى قاتتىق قىسقارتىش يولى بىلەن تىنچ ۋە بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇش ۋەزىپىلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشتا ئەمەلگە ئاشۇرماقتا.
ماقالە ئاپتورى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئېھتىمال، خىتاي مەركىزىي ئاسىياغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋامى سۈپىتىدە قارىماقتا. ئۆزۈڭلار ئويلىنىپ كۆرۈڭلار: مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك پىلان ئېلان قىلىنغان ۋاقىت ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە خىتاي كۆچمەنلىرى سانىنىڭ تېز ئۆسۈشى يۈز بەردى، ئۇلاردا خىتاي مەدەنىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تارقالدى، ئۇلار ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەر تېز راۋاجلىنىشقا باشلىدى. ئانالىزچىلارنىڭ ھېسابلىشى بويىچە، مۇشۇ يىللار ئىچىدە تۇراقلىق ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ سانى قازاقىستاندا 75 مىڭغا، تاجىكىستاندا 60 مىڭغا، ئۆزبېكىستاندا 40 مىڭغا يەتتى، قىرغىزىستاندا بولسا، ئۇلار 100 مىڭدىن ئېشىپ، سانى بويىچە تۆتىنچى ئورۇندىكى ئېتنىكىغا ئايلاندى. ئەگەر بۇ يەرگە كىرىپ -چىقىپ كېتىۋاتقان خىتايلارنىڭ سانىنى ھېسابقا ئالىدىغان بولساق، بۇ رەقەملەر يەنە ئىككى ھەسسىگە كۆپىيىدۇ.»
خىتاي شۇنداقلا ئۆز ئىستراتېگىيىسىدە، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىنىڭ بەزى رايونلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەمدە تۈركىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە بولغان تەسىرىنى ھالسىزلاندۇرۇشنى كۆزلىگەن. ماقالە ئاپتورى بۇ يەردە تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەخشان ئوبلاستىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. خىتاي بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەر مەسىلىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش ئاپتونوم رايونلاردىكى مۇقىملىقنى كۈچ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
م. ئاسانبېكوف ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ توختىمايۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارمىيە ياردىمى بىلەن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) سىياسىي تۇراقلىقنى كۈچ بىلەن ئورنىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، پەقەت 2013-يىلنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاممىۋى قارشىلىقلىرى كۆپ ساندىكى قۇربانلار بىلەن رەھىمسىز باستۇرۇلدى. مۇشۇ ئۆلكىدە ئۆتكەن يىلى ئايرىم پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا قارىتىلغان ئالتە قېتىملىق ئاشكارا قارشىلىقى (ھەقىقەتتە پالتا ۋە پىچاقلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق) تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلارغا نىسبەتەن تېگىشلىك جازا چارىلىرى قوللىنىلدى. بۇ يەردە شۇ نەرسە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان قانلىق جازالار ئۇلارنىڭ قارشىلىق ئاكتىپلىقىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىي تۇراقلىقنى كۈچ بىلەن ئورنىتىش سىياسىتىگە كۆچكەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مۇنداق قارشىلىقلار ئۇ يەردە بولمىغانمېدى؟ يەنە شۇ نەرسە ھەيران قالدۇرىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش سەۋەبى، يەنى «مەملىكەتنىڭ بۇ ئۆلكىسىگە خىتايلارنىڭ ئېقىپ كىرىشى» بولۇپ، پەقەت ئانالىزچىلار تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى جامائەتچىلىك تەرىپىدىن توغرا دەپ قارىلىشىغا قارىماستىن، بۇ مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بېسىپ كىرىش سىياسىتىنى تۈزىتىش ئىشىنى ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ، خىتايلارنىڭ شىنجاڭ ۋە مەركىزىي ئاسىياغا كۆچۈشىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى داۋام قىلماقتا.»