مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ «قوش گراژدانلىق قانۇنى» ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاۋسترالىيە ۋە خىتاي پاسپورتىنىڭ مۇقاۋىسى(suilengea.com دىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان).
ئاۋسترالىيە ۋە خىتاي پاسپورتىنىڭ مۇقاۋىسى(suilengea.com دىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان).
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوش ۋەتەنداشلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ۋە شەرتلەر بىلەن قوش ۋەتەنداشلىق ھەققىدە قانۇن چىقاردى؟ خىتاينىڭ قوش ۋەتەنداشلىقنى ئېتىراپ قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان تۆۋەندىكى خەۋەر ئانالىزىدا بولسۇن.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىن خىتايدا «قوش گراژدانلىق قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىپ، يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر قانۇننىڭ قاچاندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. ئەمما خىتاينىڭ «يېڭى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر» ناملىق ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىك قانۇنى» ناملىق تەپسىلىي خەۋەردە خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئولتۇراقلاشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، 1980-يىلدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» نىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلدى.

خەۋەردە «قوش گراژدانلىق قانۇنى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ، خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە چەتئەللەردىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى خىتايغا جەلپ قىلىش مەقسىتىدە ئىلگىرىكى خىتاي «دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش زۆرۈرىيىتىنىڭ تۇغۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلغان يېڭى قانۇن لايىھىسىدە ئىلگىرى تۈزۈلگەن «دۆلەت تەۋەلىك قانۇنى» نىڭ 9-ماددىسىدىكى «چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتكەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي گراژدانلىقى ئاپتوماتىك بىكار قىلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ھەمدە «ئاللىقاچان چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان خىتاي پۇقرالىرى ئەگەر ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچمىسىلا، ئۇنىڭ خىتاي گراژدانلىقى مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالىدۇ،» دېيىلگەن. 

ئەمما مەزكۇر بەلگىلىمىدە يەنە قوش گراژدانلىقنىڭ شەرتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، «قوش گىراژدانلىقىنى قوبۇل قىلغۇچىلار چېگرادىن خىتاي پاسپورتى بىلەن كىرىشى تەلەپ قىلىنغاچقا ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى، ئەمما ئۇ خىتايدىكى مەزگىلىدە خىتاي پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىدىكى چەتئەل پاسپورتى ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقى ھەم ئۇ كىشىنىڭ چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى دوكتور شاھ مىڭ ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ۋە شەرتلەر بىلەن قوش ۋەتەنداشلىق ھەققىدە قانۇن چىقاردى؟ خىتاينىڭ قوش ۋەتەنداشلىقنى ئېتىراپ قىلىشى چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ دېگەن مەسىلىلەر توغرىلىق ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شاھ مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ يۈكسىلىش ئارزۇسى ۋە چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدا بارغانچە كۆپىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ۋە شەرتلەر بىلەن قوش ۋەتەنداشلىق ھەققىدە قانۇن چىقارغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن «قوش گراژدانلىق قانۇنى» نى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور شاھ مىڭ ئەپەندى يەنە مەزكۇر قانۇن بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندا ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرايدىغان كىشىلەر توپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي بىر دېموكراتىك دۆلەت بولغان بولسا، قوش گراژدانلىق قانۇنى يولغا قويۇلغان ئەھۋالدا نۆۋەتتە ئاللىقاچان چەتئەل گراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان، ئەمما ئەسلى ۋەتىنى خىتاي بولغان پۇقرالارنىڭ ھەر جەھەتتىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىلغان بولاتتى. بىلىشىمچە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە قاتارلىق خېلى كۆپ دۆلەتلەردە بۇ خىل قوش گراژدانلىق قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرى بۇ دۆلەت پۇقراسى بولسىمۇ، ئەمما كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن پۇقرالار يەنىلا ئەسلىدىكى ۋەتىنىدىكى مەنپەئەتلەردىن ئوخشاشلا بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن يىراق ئەللەردە ياشاۋاتسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنى يەنىلا ئۆز دۆلىتى دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما نۆۋەتتە خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم داۋاملاشسا، بۇ خىل قانۇن-بەلگىلىمىلەردىن مەنپەئەت ئالغۇچىلار، ئالدى بىلەن پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى ھېچقانداق پائالىيەتلەردە بولمىغان خىتاي پۇقرالىرى بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىن.»

شامىڭ ئەپەندى يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ چەتئەل گراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئىلگىرىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان دىكتاتور تۈزۈمىدىن قېچىپ، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىگە ئەركىنلىك ئىزدەپ چىققان زىيالىيلار قاتلىمى ئەلۋەتتە قوش گراژدانلىقنى خالىماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر خىتايدا غەرب دېموكراتىك ئىدېئولوگىيەسىگە قارشى تەشۋىقات كۈچەيگەن شارائىتتا ئۇلار خىتايغا قايتىپ يەنە دىكتاتورا تۈزۈمدە ياشاشنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئۇلار بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەزكۇر قانۇنىي بەلگىلىمىدە تىلغا ئېلىنغان "ئەگەر چەتئەل گىراژدانلىقىنى قوبۇل قىلغان خىتاي پۇقراسى، خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزى ئېلان قىلمىسا، ئۇنىڭ خىتاي گراژدانلىقى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ" دېگەن ماددا ئۇلار گەرچە خىتايغا بارمىغان تەقدىردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان بىرقىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا ئېلىنىپ كېتىشتەك خەتەردىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن.»

دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش گراژدانلىق قانۇنى» نى يولغا قويغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر خىتايدىكى ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم ئۆزگەرمىسە، نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىنى ساقلاپ قېلىش ياكى قايتىدىن خىتاي پۇقرالىقىنى ئىلتىماس قىلىش قارارىنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولمايدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ۋە شەرتلەر بىلەن "دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى" غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قوش ۋەتەنداشلىقنى ئېتىراپ قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەزكۇر قانۇن چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، كانادا پۇقراسى تۇرۇقلۇق ئۆزبېكىستان زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ گېرمانىيە پۇقراسى تۇرۇقلۇق، جەنۇبىي كورېيەدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىدەك ئەھۋاللارنى نەقىل كەلتۈردى. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتايدا قوش گراژدانلىق قانۇنى يولغا قويۇلسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا يولغا قويۇلماقچى بولغان «قوش گراژدانلىق قانۇنى» غا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى ساقلاپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت