پەرھات مۇھەممەدى: خىتاي خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپ-تەنقىدلىرىگە قۇلاق سالمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.05.29
urumchi-partlash-bronewik.jpg 22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن برونېۋىكلار. 2014-يىلى ماي.
Oqurmen teminligen

22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنى تېررورلۇققا قارشى جەڭ مەيدانى دەپ ئېلان قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا بىر يىللىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

25-ماي كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئالاھىدە ھۆججەت تارقىتىپ بۇ بىر يىللىق تېررورغا قارشى كۈرەشنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ ھەرىكەتكە ماسلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يوليورۇق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنلا، 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتۇپ كېتىلدى. 28‏-ئاپرېل كۈنى، غۇلجا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق سوتتا 55 كىشى جازالاندى. مەھكۇملارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى خۇددى ئۇرۇش يىللىرىدا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتقان ئىكەن. بىز ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ژۇرنالىست، تەتقىقاتچى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمايدىغان بولسا، زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى ژۇرنالىست پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىۋى سىياسىتى بويىچە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ خىتاينىڭ خاتا سىياسىتىگە ئۇيغۇر خەلقىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى، 21-ئەسىرگە كىرگەن، يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ بىر قاتار تەكلىپ پىكىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.