خىتاي تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى «دۈشمەن» لىرىنى قانداق ھازىرلاۋاتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.03.17
senkaku-xitay-bayraq-305.jpg خىتاي پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەننىڭ بايرىقىنى سېنكاكۇ ئارىلىغا تىكلەش ئۈچۈن كېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 15-ئاۋغۇست.
AFP

ئىگىلىشىمىزچە، خىتايدىكى رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي خەلقى ئارىسىدا تاشقى جەھەتتە ياپونىيەگە ئىچكى جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي ئۆچمەنلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ياپونىيەگە قارشى ئېقىم يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ياپونىيەگە قارشى كەيپىيات ۋە بارغانسېرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى ئاۋام ئارىسىدىكى غەيرىي رەسمىي تاراتقۇلاردىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كانىيى بولغان «خەلق گېزىتى» گە قەدەر رەسمىي تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ياپونىيەگە قارشى مىللىي ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىق قىلىشىنىڭ مەلۇم سىياسىي غەرەز ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتايدىكى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ۋە كومپارتىيىنىڭ چىرىكلىشىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خەلق رايىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى باشقا يۆنىلىشكە بۇراشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر بىردەك خىتاي كومپارتىيىسى ھەر قېتىم قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندە، خىتاي خەلقىدە مىللەتچىلىك كەيپىياتى قوزغاپ ئاۋامنىڭ ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتكە بولغان دىققىتىنى بۇراپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ياپونىيەگە قارشى مىللىي ئۆچمەنلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كەيپىياتىمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلقى تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن يېقىنقى كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى كەيپىيات بارغانسېرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ياپونىيەدە ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور جۈرئەت ئوبۇل بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ياپونىيەدىكى ھايات تەجرىبىسى ۋە كۆزىتىشلىرىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان تاشقى جەھەتتە ياپونىيەگە قارشى ئېقىم بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى كەيپىيات توغرىسىدا سېلىشتۇرما ئېلىپ باردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.