قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى خىتاي قۇرۇلتىيىدا ماۋ بىلەن شى نى مەدھىيەلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.03.20
qurban-tulum-newrisi-ruqiye-metseydi.jpg خىتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن قۇرۇلتاي ۋەكىلى، قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى رۇقىيە مەتسەيدى. 2018-يىلى 20-مارت.
CCTV

خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ۋەكىل رۇقىيەم مەتسەيدىدىن قۇربان تۇلۇم ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەققىدە سوئال سورىدى.

يۈزلىگەن مۇخبىرلارنىڭ ئاپپاراتى قورشاپ تۇرغان نەق مەيداندىن تارقىتىشتا، ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ ئوتتۇرىدا مىكروفون ئالدىدا تۇرغان رۇقىيەم مەتسەيدى بۇ سوئاللارغا ئالدىن تەييارلىقى باردەك كۆرۈنسىمۇ، ئارىدا سۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان.

«شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» دىكى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، كېرىيە ناھىيەسى لەڭگەر يېزىلىق خەلق ئىشلىرى ئىجتىمائىي كاپالەت پونكىتىنىڭ كادىرى رۇقىيەم مەتسەيدى ئاساسلىق شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، قۇربان تۇلۇم جەمەتىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ باي-باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى. ئۇ بۇ قىسقا دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى خەلقىگە يەتكۈزگەن شەپقىتىگە قايتا-قايتا تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە شى جىنپىڭغا، پارتىيەگە سادىقلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە «ھەر خىل سىياسەت تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيلىشىپ، ھازىر ھەر بىر دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە خىتاي كادىرلىرىنىڭ يەرلىشىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تۇغقانلىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىدەك قوغداۋاتىدۇ شى جۇشى خاتىرجەم بولۇڭ» دەيدۇ.

رۇقىيەم مەتسەيدى يەنە قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىدە ئىككى ئەڭگۈشتەر بارلىقى، ئۇنىڭ بىرى بوۋىسى قۇربان تۇلۇم بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ قول ئېلىشىپ چۈشكەن سۈرىتى بولسا، يەنە بىرى قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا، يەنى مومىسىغا شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ھازىر ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات ئوبيېكتلىرىنى ياساپ چىقىپ ياكى ئاتالمىش ۋەكىللەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشى يېڭىلىق ئەمەس، مەتبۇئاتلارمۇ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، ئەمما بۇ كۆرۈنۈشنىڭ كەڭ تارقىلىپ مۇلاھىزە ۋە تەنقىدلەرگە سەۋەب بولۇشىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل، قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسىنىڭ ۋەكىل قىلىپ بەلگىلەپ قويۇلۇشى بولغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئاتالمىش ۋەكىلنىڭ سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلارغا ئايان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەشۋىقات يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۇقمايدىغان دۇنيا ئەھلىگە نىسبەتەن، يەنىلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىلەرنىمۇ بېرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان بۇ تەشۋىقاتىغا قارىتا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىنايە ۋە تەنقىدلىرى ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىمەكتە.

قۇربان تۇلۇم ئىلگىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر دېھقان. قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىسى ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىك ھېكايىسىنى پۈتۈن خىتاي بىلىدۇ. 1958-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى خۈئەيرېنتاڭ زالىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر تارالغان ۋە ھۆكۈمەت بۇ ئوبرازنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيە داھىيسىغا چوقۇنۇشىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلغان ئىدى.

گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن پەرھات يۇرۇڭقاش خۇلاسىلەپ: «قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تولىمۇ ئېچىنارلىق، مەسخىرىلىك بىر ئەخمىقانە ئوبراز ئىكەنلىكىگە قارىماي، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل قىلىنىپ، بۇنداق بوۋىسىغا ئوخشاش تەشۋىقاتلارغا سېلىنىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇشتا چارىسىز قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ تەھلىل قىلدى.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ «پارتىيەنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» گە ئايلانغان قۇربان تۇلۇمنىڭ يېرىم ئەسىردىن كېيىن نەۋرە قىزى-رۇقىيەم مەتسەيدى قايتا بوۋىسىنىڭ قىزىل ۋارىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنماقتا. ئىلگىرى ئۇ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىدا ئەسكەر بولغان، ھازىر ئۇ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە ئىكەن. دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ «قۇربان تۇلۇم روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى» دېگەن تېمىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى ناھىيە ۋە يېزىلارغىچە بېرىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ «داھىي ماۋ زېدوڭنى ۋە كومپارتىيەنى قىزغىن سۆيگەن» ھېكايىسىنى سۆزلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.