ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى: «داھىيمىز شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۆيۈڭلاردا مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ!»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.14
shi-jinping-suret-kocha.jpg كوچىلاردىكى چوڭ ئېكرانلاردا چىقىرىلغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
AP

ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتى ئاھالىلەرگە قارىتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىش توغرۇلۇق بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

شى جىنپىڭنىڭ نامى «داھىي» دەپ سۈپەتلەنگەن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئېسىلىدىغانلىقى، ئېلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئۆيلەرگە ئېسىش بۇيرۇتمىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا خېلى بۇرۇنلا ئىجراغا ئۆتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«---ھەي جۈمىنلەر )ئاھالىلەر( ياخشىمۇسىلەر، ماۋۇ شېچۈدىن (ئاھالىلەر رايونىدىن) بىزنىڭكى داھىيمىز - باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئۆيگە ئاسىدىغان ئىش بار ئىدى، رەسىمنى بىز تەمىنلەپ بېرىمىز، رەسىمنى ئاسىدىغانلار ماۋۇ چۈندە ) توپتا-ئۈندىدار توپىدا( بىر گەپ قىلساڭلار، ئېسىشنى خالىساڭلار. . . . . .»

ئاڭلىغىنىڭلار ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئائىت ئۇقتۇرۇشتۇر. ئۇقتۇرۇش گەرچە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا دېيىلمىگەن، ھەتتا خالىساڭلار دېگەن جۈملە قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئۇقتۇرۇشنىڭ داۋامىدىكى بايانلار، يەنى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنىڭ چاپلانغان ئۆيدىن ئېلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ بۇيرۇق خاراكتېرىدىن ئىشارەت بەرمەكتە.

«‏--- لېكىن بۇ رەسىم ئېسىلغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ، يەنى مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ!. . . »

قەشقەردىكى كەنت مۇدىرلىرىدىن بىرى ئۆزلىرىگە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئۆيلەرگە ئېسىش ھەققىدىكى بۇيرۇقنىڭ تېخى چۈشمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاقسۇدىكى بىر ساقچى خادىمى ئاقسۇدا شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىش تەشەببۇسىنىڭ ئېخلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىجراغا ئۆتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. خوتەندىكى ساقچى خادىملىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما كەنت مۇدىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆزى زىيارەت قىلغان يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا شى جىنپىڭنىڭ گىلەمگە نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن ۋە رامكىغا ئېلىنغان رەسىمىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز مەزكۇر ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ گىلەمگە نەقىشلەنگەن رەسىم ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، ئالاقىدار خادىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزنى ئاڭلاشنىمۇ رەت قىلدى.

ئۈندىداردا تارقالغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى سېتىۋالغان ئۆيگە ئېسىشقا بولىدىغانلىقى، ئىجارە ئۆيگە ئېسىشقا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.