موڭغۇل پائالىيەتچى خىتاينى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.11.23
jenubiy-mongghuliye-qurultiyi-reisi-timuchi-reto.jpg جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى نويابىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا خىتاينىڭ ياپون تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «خەلق» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە قارشى «چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرى ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزۈۋاتىدۇ» ناملىق چاتما تەنقىدى ماقالىگە قارىتا، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ: «ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرى ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ» دېدى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو: «تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللار قانداقلارچە ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتىنى بۇزىدۇ؟ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋاتقان دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ بېيجىڭ ھەر كۈنلۈكى سېنكاكۇ يەنى دياۋ يۈ ئارىلىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىپ توكيوغا ئۇرۇش تەھدىتى سېلىۋاتىدۇ. تەيۋەنگە زەمبىرەكلىرىنى تىكلەپ قويۇپ، تەيۋەنلىكلەرنى قورقۇتۇۋاتىدۇ. ياپون-خىتاي ئۇرۇشىدىكى ‹نەنجىن ۋەقەسى› نىڭ تارىخىي پاكىتلىرىنى بۇرمىلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كومپارتىيە ئۆزى بۇزۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاي كومپارتىيەسى ‹خەلق› گېزىتىدە تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرىنى تىللىغاننى ئاز دەپ، توكيودىكى ئەلچىخانىسى خىتاي ئىشلەمچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى نامايىشقا تەشكىللەپ ياپونىيە پارلامېنتى ئالدىدا ‹تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرايلى› دەپ شوئار توۋلاتقۇزدى ئەمەسمۇ؟ خىتاي ئەلچىخانىسى نېمە ئۈچۈن توكيودىكى بىزنىڭ بىرلەشمە پائالىيىتىمىزدىن شۇنچىلىك ئەندىشە قىلىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، توكيودا خىتايلار 10-دېكابىر ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىمىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

خىتاينىڭ «خەلق» گېزىتىدىكى مەزكۇر ماقالىسى ھەققىدە توختالغان تىمۇچى رېتو: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى بولغان ‹خەلق› گېزىتىدە كومپارتىيەنىڭ بىزنى ھاقارەتلىشى نورمال بىر ئەھۋال. چۈنكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۈزلۈكسىز قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە موڭغۇل مەسىلىسىنىڭ بىرگە قوشۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. كومپارتىيە بىزنى يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق، ۋەتەن ئىچىدە ئۆز دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزدىن ئەلۋەتتە پەخىرلىنىدۇ»دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دايچىن بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ بىر قىسىم جەمئىيەتلەرنىڭ ئايلىق گېزىتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:«يېقىندىن بۇيان ياپونىيەدىكى بەزى بىر خىتاي مۇھاجىرلىرى دوستلۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ گېزىتلىرىدە: ‹تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ› دېگەن تېمىدا كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلىندى» دېدى.

تىمۇچى رېتو چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىش بىرلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تەشكىلاتىمىز تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما رەھبەرلىكىدىكى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق شۇنداقلا باش شتابى گېرمانىيەدىكى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدۇق. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، ئۈچ مىللەت ئورتاق تەقدىرداش. شۇڭا، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرغاندىلا بىزنىڭ غايىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا بىز غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.

تىمۇچى رېتو سۆھبىتىمىز جەريانىدا، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش شتابىنىڭ توكيودا تەسىس قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «ئاسىيادىكى ياپونىيە بىلەن تەيۋەن رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ كۆزىگە تاقىلىۋاتقان مىخ. بۇ ئىككى دۆلەت قانۇن بىلەن ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى يولغا قويغان، دېموكراتىك ۋە ئەركىن ئەللەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ئىككى دۆلەتتە ئۆزىمىزنىڭ بەلگىلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاساسىمىزنى پۇختا تىكلەش بىلەن بىرگە، ياپون ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جەنۇبىي موڭغۇلىيە مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو يېقىندا توكيودا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.