خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.07.19
heyt-namaz-saqchi-heytgah.jpg روزا ھېيت نامىزىدا، ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچىسى. 2017-يىلى 26-ئىيۇن، قەشقەر.
AFP

خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن شەنبە كۈنى قىلغان بىر سۆزىدە، خىتايدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا قارشى چىققانلارنىڭ پارتىيە ئىچىدە جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ زوئەننىڭ بۇ سۆزى خەلقئارادىكى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى چەكلىمە سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە ئاللىقاچان مەۋجۇت ئەھۋال بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېسىمنىڭ خىتاي مىقياسىدا ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇلاھىزە قىلدى.

خىتاي كومپارتىيىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايدا يىللاردىن بېرى ماركسىزم ۋە ماۋ زېدوڭ ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاتېئىزمنى يەنى دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما كېيىنكى يىللاردا خىتايدا خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنلىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دىنلارنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 15 ئىيۇل كۈنى خىتاي دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ۋاڭ زوئەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ئۆگىنىش گېزىتى» دە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دىنى ئېتىقاد مەسىلىسىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ «پارتىيە ئەزالىرى چوقۇم ماركسىزم ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامىغا ئەمەل قىلىپ، پارتىيىگە سادىق بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە ئېتىقادنى دىندىن ئىزدىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كادىرلار ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. قارشى چىققۇچىلار بولسا پارتىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن جازالىنىدۇ.» دەپ يازغان.

ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلىرى بۈگۈن خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى كۈزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى چەكلىمە سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشاش جايلار ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھۋال بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ چەكلىمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا كېڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
-شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ساداقىتى ۋە ئىدىيىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلدى. ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ دىنى ئېتىقادىنى بەزى جايلاردا غەيرىي رەسمىي شەكىلدە كونترول قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى كادىرلار دىنغا ئىشەنمەسلىك ھەققىدە ناھايىتى ئېغىر بېسىملارغا ئۇچرىماقتا. شۇڭا بۇ جەھەتتىن قارىغاندا يۇقىرىدىكى ۋاڭ زوئەننىڭ سۆزى بىر يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېنىقلا پارتىيىنىڭ بۇ بېسىمىنىڭ باشقا جايلارغىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ سانى 80 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى خرىستىئان مۇرتلىرنىڭ ھازىرقى كۆپىيىش نىسبىتى بويىچە ئالغاندا 2030-يىلىغا بارغاندا بۇ رەقەمنىڭ 250 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ دۇنيادىكى خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن. خىتاي دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن ئۆتكەن يىل قىلغان بىر سۆزىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ «ئىلگىرى خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىچىدە ياشانغانلار، ئاياللار، يېزا ئاھالىلىرى، تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەنلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى. نۆۋەتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىچىدە ياشلار، شەھەر ئاھالىلىرى، يۇقىرى كىرىملىكلەر ۋە يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە،» دېگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن سىرت يەنە، تىبەت بۇددىزىمىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خىتايلارمۇ كۆپىيىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار، تۇڭگانلار ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەردە دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ چىڭىيىپ بېرىۋاتقانلىقىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن. ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئاللىقاچان ئۆزىگە ئىشەنچىنى يوقاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتايىن قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى خوتەن ناھىيە بۇزاق يېزا ئازنابازار كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جېلىل مەتنىيازنىڭ دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈن «سىياسىي مەيدانى تۇراقلىق ئەمەس» دېگەن سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خوتەن ناھىيىسىدە يەنە پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ مېيىت نامىزىغا بېرىشىمۇ «دىنى پائالىيەتكە قاتناشقانلىق» دەپ قارىلىپ چەكلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، قورغاس ناھىيىسىدىكى ئىچىگاشەن شىبە يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تۇڭگان پارتىيە ئەزاسىنىڭ جۈمە نامىزىغا بارغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن چىقىرىلىشى، سانجى ئوبلاستىدىكى بىر قىسىم قازاق ئىماملارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىققەت قوزغايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى سۇ ۋېينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىمۇ يۇقىرىدىكى قاراشنى توغرىلاپ بەرمەكتە. سۇۋېي سۆزىدە، «بىر قىسىم غەرب كۈچلىرى خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئوخشاش ئىككى يەرلىك بولمىغان دىننى جۇڭگودا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي قارىشىنى يايماقچى بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا بەزى دىنى دوكتورىنلار چوقۇم جۇڭگوچە قىممەت قارىشىغا ماسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ بولۇپمۇ نىڭشيا خۇي ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شان روبېرتس ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى رايونلارغا مەركەزلىشىشىدىكى سەۋەبنى پارتىيىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن دىننى بىر، دەپ قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:
خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت رايونلاردىكى بۇ ۋەزىيەتنى ئۇلارنىڭ بەكرەك دىندار بولغانلىقىدىن دەپ قارايدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى رايونلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن دىن بىلەن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ كەلگەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىڭشيادىكى خۇي مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان تەقىب ۋە چەكلىمىسىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭمۇ دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىلا نىشان قىلمايۋاتقانلىقى ئېنىق. مانا بۇلار بىزگە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ۋاڭ زوئەن سۆزىدە يەنە «بىز چوقۇم دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇپ، دىنى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋە شەخسلەرنى سوتسىيالىستىك مەركىزى ئىدىيە ۋە ئەنئەنىۋى جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن يېتەكلىشىمىز كېرەك» دېگەن بولۇپ، بۈگۈن خىتاي خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر رەسىمدە خوتەندىكى بىر مەسچىتكە ئېسىلغان «ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانلىقى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇقىرىدىكى ۋاڭ زوئەننىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاللىقاچان ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە مۇتلەق كونتروللۇقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.