ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك قوغلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.08.13
xitayda-uyghur-qoghlinish-ijare-oy.jpg خېنەن ئۆلكىسى جېڭپىڭ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى چىقارغان، ئۈچ ئۇيغۇرغا ئويىنى ئىجارىگە بەرگەن خىتاينى جازالىغانلىقى ۋە ئۈچ ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر رايونىغا قوغلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى.
Social Media

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىنمۇ بىردەك قوغلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۆتكەن ھەپتە خېنەن ئۆلكىسىدىكى جېنپىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) ئىدارىسى تارقاتقان بىر پارچە ئۇقتۇرۇش بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەستىقلايدۇ.

9-ئاۋغۇست چىقىرىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، شۇ يەردىكى بىرەيلەن بىرنەچچە ئۇيغۇرنىڭ شۇ جايدىكى بىر خىتاينىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئالغانلىقىنى ساقچى ئىدارىسىگە «پاش قىلغان». ساقچىلار بۇ «يىپ ئۇچى» بويىچە دەرھال ئۆينى قورشاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋەلى مىجىت، جىنىساخان (ئۇيغۇرچىسى ئېنىق ئەمەس) خالىق ۋە تۇرسۇن زايىت قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ جاۋ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ناۋايلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، جاۋ فامىلىلىك بۇ خىتاي ئۆينى ئۇيغۇرلارغا ئىجارە بېرىدىغان ئىشنى شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلمىغان.

بۇ ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، جاۋ فامىلىلىك خىتاينىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلماستىن ئۆيىنى ئۇيغۇرلارغا ئىجارە بەرگەنلىكى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ 91-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىق، دەپ بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جاۋ فامىلىلىك خىتايغا مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىش، 1900 سوم (تەخمىنەن 275 ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويۇش، ئۈچ ئۇيغۇر ناۋاينى مەجبۇرىي يوسۇندا كەلگەن يېرىگە قايتۇرۇپ «تەربىيە» ئېلىشقا يوللاش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان كىشىگە 2000 سوم (تەخمىنەن 290 ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات بېرىش قارار قىلىنغان.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەمما ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر ۋە باشقا ساقچىخانىدىكىلەر بىردەك بۇ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئاخىرىدا جېنپىڭ شەھىرىگە قاراشلىق شىفوسى ساقچىخانىسىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ناۋايلىق قىلىپ جېنىنى بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ ئۇ كۈنى ۋەزىپە ئۆتەشكە قاتناشمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىگىسى خىتاي بىلەن بىللە تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق جىنايەت ئارتىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇلارغا جازا بېرىلمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇلارنى كەلگەن يېرىگە قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز بۇنداق «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى ماددىلار بويىچە ئۇيغۇرلار دىيارىغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ قولغا ئېلىنىدىغانلىقى ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا چۈشەنچە بېرىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جېنپىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇر ناۋايلارنى مەجبۇرىي ئىجارە ئۆيلىرىدىن قوغلاپ يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىشنىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» نىڭ 91-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ. مەزكۇر ماددىدا «ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، تېررورلۇققا قارشى ئاخبارات توپلىشىغا ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىشنى رەت قىلغانلارغا ئىككى مىڭ سومغىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇپ ئون مىڭ سومغىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ،» دېيىلگەن.

جېنپىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ناۋايلارنى يۇرتىغا قوغلىۋېتىشنىڭ بىر قېتىملىق «تېررورلۇق ۋەقەسى» قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلمىغان ئۇيغۇر ناۋايلارنىڭ ئىچكىرىدە سودا ئۈچۈن ئۆي ئىجارە ئېلىشىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا تەتبىقلاش ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇننىڭ نوقۇل ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، بىر قانۇننى نوقۇل ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىرەر قوۋم ئۈچۈن تەتبىقلاش، يەنە بىر ياقتىن شۇ خەلق دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدە «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» دەپ قارالغان ئەھۋالدىلا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھادىسە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلار تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، جېنپىڭ ناھىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى لاگېرغا ئەۋەتىلگەنلىكى نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.