«تەربىيەلەش» تە ھالىدىن كەتكەن مەخەت ئۆمەر دوختۇرخانىدا نازارەت ئاستىدا داۋالانماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.11
yallanma-saqchi-bazar-tomur-kaltek.jpg قوراللانغان ياللانما ساقچىلارنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
AP Photo/Ng Han Guan

مۇخبىرىمىزغا قەشقەردىكى ئاتالمىش «تەربىيە» لىنىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، 2016‏-يىلى تارقاق ھەج قىلىپ كەلگەن يېڭىسارلىق تىجارەتچى مەخەت ئۆمەرنىڭ 2017‏-يىلى ماي ئېيىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى مەزگىلىدە شېكەر كېسىلى قوزغىلىپ ھالىدىن كەتكەنلىكى ۋە قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئامانلىق خادىمىنىڭ نازارىتى ئاستىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە مەخەت ئۆمەرنى نازارەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە قەشقەردە ئامانلىق مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 4 ئوغلىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە ئۇ يەردە سولىنىپ ياتقان كىشىلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى، ساندىكى بۇ كۆپلۈك سەۋەبىدىن تۇتقۇنلارنىڭ ئوڭدا يېتىشقا مۇمكىن بولماي يان يېتىپ تاڭ ئاتقۇزۇۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي تىلى ۋە قانۇن تۈزۈم دەرسلىرىنى ئاڭلىغاندىن باشقا، ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى ھەققىدە سوئال-سوراق بولۇۋاتقانلىقى، پۇشايمان باياناتى ۋە توۋىنامە يېزىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر قىسىم ئىچكى ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ «تەربىيەلەش» نىڭ تۇتقۇنلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ھالىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بەك كۆپ ئەمەس. قەشقەر چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەردىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تەربىيەلىنىۋاتقان يېڭىسارلىق تىجارەتچى مەخەت ئۆمەر قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن مەخەت ئۆمەر، ئۆتكەن يىلى مايدا بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن؛ 6‏-ئايدا ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇندا ئايالى بىلەن بىرلىكتە قەشقەردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن بىرىگە ئەكېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەخەت ئۆمەر ئەسلىدە يېڭىسار ناھىيەسىدىن. قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئۆرۈك بازىرىدا يەل-يېمىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەخەت ئۆمەرنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ 2016-يىلى تارقاق ھەج قىلىپ كېلىشى سەۋەب بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى ھەج مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا چەكلىك سان ئايرىغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقى ۋە زور ئىقتىسادىي چىقىملار بىلەن خىتاي تەرەپ تەشكىللىگەن ھەج ئۆمەكلىرىدىن ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان 6 خىل كىشىلەر قاتارىغا تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنىمۇ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەج سەپىرىدە تارتقان چىقىم ۋە ئاۋارىچىلىكلىرىنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ تەقىب-جازالىرىنىڭمۇ زەربىسىگە ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەخەت ئۆمەر تارقاق ھەج قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىۋاتقان مىڭلارچە كىشىدىن بىرى.

مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇتلەق كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرغان ۋە پېشكەلچىلىككە يولۇقتۇرغان خىتاينىڭ قاتتىق زەربە ۋە «يېپىق تەربىيە» ھەرىكەتلىرى ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرگە يېڭى ئىش ئىمكانلىرىنى تەمىنلىگەن. يۇقىرىقى ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئىككى ئوغلى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە كەسىپتە ۋارىسلىق قىلغان بولسا، بۇلتۇرقى «تەربىيەلەش» تىن يەنە ئىككى ئوغلىمۇ ئامانلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشقان. بىر ئائىلىدىن بەش كىشىنىڭ ئامانلىق خىزمىتى ئىشلىشىگە، ئائىلە باشلىقى-چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان ساداقىتى تۈرتكە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.