چاسا ئامانلىق مۇدىرى قەشقەردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئورنى ۋە ئادەم سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.12
shayar-yepiq-terbiyelesh-orni.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى. 2016-يىلى ياز، شايار.
Oqurmen teminligen

تۈنۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى قەشقەر شەھەر دۆلەتباغ يېزا يانبۇلاق كەنتىگە تەۋە 3 كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ۋەقە تولۇق دەلىللەنمىدى، ئەمما ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قايتا قوبۇل قىلغان چاسا ئامانلىق مۇدىرى قەشقەردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئادەم سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆز پەرزىگە ئاساسەن قەشقەر شەھىرى بويىچە 30 مىڭ، ۋىلايەت بويىچە 120 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ نۆۋەتتە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا مۇشۇ سەشيەنبە كۈنى قەشقەردە «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغان 3 كىشىدىن، ئىككىسىنىڭ ياشانغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، بىر نەپىرىنىڭ بولسا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئىنكاستا بۇلارنىڭ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ يانبۇلاق كەنتىدىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسىم -فامىلىسى قاتارلىق كىملىك مەلۇماتلىرى بىلدۈرۈلمىگەن. دۆلەتباغلىق يېزا باغچى كەنتىنىڭ ساقچى خادىمى، مەزكۇر 3 كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي باشقارمىسىنى زىيارەت قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. تېلېفون باغلىنىشىدىكى نامەلۇم توسالغۇلار سەۋەبىدىن بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا مەزكۇر 3 شەخسنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى تولۇق دەلىللەنمىدى، كىملىكلىرىمۇ ئايدىڭلاشمىدى.

ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرىغا تەكرار تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇ قەشقەردىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئورنى ۋە سانى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر شەھەر ئىچىدە 4 ئورۇندا «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى يېڭىدىن سېلىنغان 5‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىش بىلەن ئەسلى قۇرۇلۇش غايىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئۆزگەرتىلگەن. مەلۇم بولىشچە، نۆۋەتتە بۇ 4 مەركەزدە قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى 4 كوچا باشقارمىسىدىن 2000 چە كىشى «تەربىيە» لەنمەكتە، شەھەرگە تەۋە يېزا-بازارنى قوشقاندا جەمئىي 30 مىڭچە كىشى قامالماقتا. يەنە ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ، توققۇزاقنىڭ زەمىن، يېڭىسارنىڭ ساغان، پەيزىۋاتنىڭ جانباز يېزىلىرىدىن «تەربىيە» لەشكە ئەكىلىنگەنلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە «تەربىيەلىنىۋاتقان» لارنىڭ سانى 120 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنكەن.

چاسا ئامانلىق مۇدىرى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ج خ تارماقلىرى بىلەن ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ھېلىمۇ مۇستەھكەم ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.