جۇ خەيلۇن: «يېپىق تەربىيەلەش زىرائەتكە دورا چېچىشقا ئوخشايدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.25
yepiq-terbiyelesh-korla-turme.jpg ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 2-نويابىر، كورلا.
AP Photo/Ng Han Guan

قەشقەر چاسا ئامانلىق باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى مۇخبىرىمىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى داۋامىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش» نىڭ پات ئارىدا ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي-قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش» خۇددى «ياۋا ئۆت-چۈپلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن زىرائەتلەرگە دورا چاچقانغا ئوخشاش بىر ئىش» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 21‏-ئەسىردىمۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى بىر جازا لاگېرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن بەزى چەتئەللىك ئاڭلىغۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار گۇمانلانماقتا؛ يەنە بەزىلەر بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق بىر جازا لاگېرىنى قانداق بىر مەنتىقە، قانداق بىر ئەقلىي خۇلاسىگە ئاساسەن زۆرۈر ۋە توغرا تاپقانلىقىغا ھەيران قالماقتا. شۇڭا بىز زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بۇ نۇقتىدىمۇ ئېنىقلىما ئېلىپ باردۇق.

قەشقەر چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز قاتتىق زەربە دولقۇنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ بولالمىغان. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنلىرى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى ۋە زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىدە ھۆكۈمەتكە مايىللىق شەكىللەنمىگەن. ئەكسىچە، مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتى بارغانسېرى كۈچەيگەن ۋە كېڭەيگەن. نەتىجىدە دائىرىلەر ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى تاللاپ زەربە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئەنە شۇ كۈچ يېتىلىپ چىققان مەنبەنى - ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك «تەربىيەلەش» نى توغرا تاپقان.

قەشقەر چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئۆزى قاتناشقان يىغىن ۋە كۆرگەن تېلېۋىزىيە نۇتۇقلىرىدىن ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي-قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇن بىر قېتىملىق نۇتقىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش» ھەرىكىتىنى ياۋا ئوت چۆپلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن زىرائەتلەرگە دورا چېچىشقا ئوخشاتقان.

ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى بىر قىسىم سىياسىي-قانۇن ئەربابلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى، بولۇپمۇ قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ زور ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قەشقەر چاسا ئامانلىق مۇدىرى، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش» نى 100 پىرسەنت ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ ئامانلىق مۇدىرى يەنە دائىرىلەرنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن بۇ دەرىجىدە ئەندىشە قىلىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، جۇ خەيلۇننىڭ «يېپىق تەربىيەلەش» نى دورا چېچىشقا ئوخشىتىشى ئۈستىدە مۇنداق پىكىر بايان قىلدى: «بۇ قانداقتۇر ئاتالمىش ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرگىلا زەربە بېرىشنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى ھۇجۇم نىشانى، ھەتتا يوقىتىش نىشانى قىلغانلىقىنىڭ ئاشكارا بايانى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر.»

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى يېڭى ئەھۋال ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۇيىقەست ھەرىكەتلىرىنى پەردازلاپ كەتمەسلىكى دىققەتكە سازاۋەركەن.

جۇ خەيلۇننىڭ بۇ سۆزىنى «بىر مىللەتنى كوللېكتىپ جازالاش ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق چاقىرىقى» دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، بۇ چاقىرىق ۋە «يېپىق تەربىيەلەش» ھەرىكىتىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غالجىرلاشقانلىقى، ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.