«يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك پەيدا قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.03.06
yepiq-terbiyelesh-ayal-kocha.jpg مەلۇم كوچىسىدا سىم تورنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سىرتنى كۆزىتىۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 1ماي، ئۈرۈمچى.
AP Photo/Ng Han Guan

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» تۈنۈگۈن ئاقسۇدا تۆۋەنگە چۈشكەن 1203 نەپەر كادىرنىڭ يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى داۋامىدا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىقچىلىققا قاتنىشىش ئىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكى، خەۋەردە دېيىلگەن ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەن ئائىلىلەرنىڭ بولسا ئەزالىرى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا ئەكېتىلگەن ئائىلىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلغان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاخباراتىدىكى بەزى خەۋەرلەر، «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنى ئاشكارىلاپ قويماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاقسۇ شەھىرىدىكى 202 خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەن ئاھالىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. خەۋەردە 1203 نەپەر كادىرنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئۇرۇق سېتىۋېلىش، ئوغۇت توشۇش قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

بىز يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ئەزالىرى تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن بىرقانچە ئائىلىگە تېلېفون قىلدۇق. باياندايدىكى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بىر ئائىلە، بۇ ئائىلىدىن ئىككى كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرى» دا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. باياندايدىكى بىر كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى، كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكى ۋە ئېتىز بېشىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاقسۇ ئاي كۆلدىكى بىر ئائىلىمۇ، ئۆزلىرىگە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى مەھەللىدە ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئۈچۈن ئەمگەك كۈچى ئاساسەن قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭىساردىكى بىر ئائىلىمۇ ئۆزلىرىگە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ كۆمۈر ئەكېلىشتىن ئوتۇن يېرىشقا قەدەر چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ياردەمدە مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۆزىنىڭ ياردەمگە موھتاج بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالغان بۇ موماي، يولدىشى ۋە ئۈچ پەرزەنتى ۋە ئىككى كۈيئوغلىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئەجەبلىنەرلىكى، كادىرلار شۇنچە ياردەم قىلىۋاتقان، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئاھالىلەر يەنىلا ئۇلاردىن لاگېردىكى ئائىلە ئەزالىرىنى بالدۇرراق قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە تەسىس قىلىنغان يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى سەۋەبلىك، جايلاردا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى پەيدا بولغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندە چۈشكەن كادىرلارنى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم؛ ئەمما رايوندا شەكىللەنگەن بۇنچە چوڭ ئەمگەك ئۈچى يېتىشمەسلىك بوشلۇقىنى دائىرىلەرنىڭ قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ۋە ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان بۇ تېرىقچىلىقنىڭ قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.