قاراقاشتىكى بىر كەنت ساقچىسى: ئابدۇلئەھەد باققال «تەربىيەلەش» تە جان ئۈزدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.06.11
yepiq-terbiyelesh-derwaza-saqchi-pos.jpg «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ئالدىدا پوستا تۇرغان ساقچىلار. 2017-يىل 2-نويابىر، كورلا.
AP Photo/Ng Han Guan

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى 3 ھەپتىنىڭ ئالدىدا رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خوتەننىڭ ناۋاغ كەنتىدە ئابدۇخېلىل ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە جان ئۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىز مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، قاراقاش ناھىيەسىدە يەنە باشقا بىر كىشىنىڭ يەنى چىنىۋاغ يېزىسىدىكى ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ يېقىندا تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆلگەنلىكى پاش بولدى. ساقچى خادىمى 3 نارەسىدە بالىنىڭ ئاتىسى بولغان 37 ياشلىق ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ «تەربىيەلىنىش» جەريانىدا قورقۇپ كېتىپ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

رادىيومىز تور بېتىگە يېزىلغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاستا، «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئۆلگەن ئابدۇخېلىل ئابدۇقادىرنىڭ خوتەننىڭ ناۋاغ كەنتىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما ناۋاغ كەنتىنىڭ خوتەننىڭ قايسى ناھىيە، قايسى يېزىسىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن. شۇڭا بىز ئاۋۋال خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلىپ، «تەربىيەلەش لاگېرى» دا جان ئۈزگەن ئابدۇخېلىل ئابدۇقادىرنىڭ قايسى ناھىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. تېلېفونىمىز قوبۇل قىلغان بەزى ساقچى خادىملىرى، ئۆزلىرىنىڭ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى، بەزىلەر بولسا، بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. تېلېفونىمىز باغلانغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ چىنىۋاغلىق يېزىلىق ساقچى خادىمى مەزكۇر يېزىدا ناۋاغ دەپ بىر كەنت يوقلۇقىنى، ئەمما، 13-كەنتتە 37 ياشلىق ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ يېقىندا لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى پاش قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توپ بازىرىدا باققالچىلىق قىلىۋاتقان 37 ياشلىق ئابدۇلئەھەد، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا لاگېرغا ئەكېتىلگەن. دېيىلىشىچە، لاگېر ئىچىدىكى جىددىي ۋە قورقۇنچلۇق كەيپىيات ۋە ئەنسىز سوئال-سوراقلار، ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ ئۇشتۇمتۇت قان بېسىمى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان، بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە تۈرتكە بولغان. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن ئابدۇلئەھەد باققالنىڭ ئايالىنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكى، 3 بالىسى بارلىقى، ئۈچىلىسىنىڭلا ياشتا كىچىك ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما بۇ بالىلارغا نۆۋەتتە كىمنىڭ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

لاگېر ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ۋە قورقۇنچلۇقلىقى ھەم ھەر خىل پاجىئەلەرنىڭ ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقانلىقى، رادىيومىزغا ھەر خىل شەكىلدە يەتكۈزۈلمەكتە. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى، پاجىئەلەرنىڭ يۈز بەرگىنى ئەمەس، لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىنكار قىلماقتا. ئۆتكەن ئايدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرىمىزدا قورغاس كۆكتالالىق پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ لاگېردىن بوينى يارىدار ھالدا قاچقانلىقى ئاشكارىلانغان بولسا، ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا خەنبىڭدىكى ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ بېشى تېڭىقلىق ھالەتتە جەسىتىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.