قاراقاش چىنىۋاغ ساقچى خادىمى: «كەنتىمىزدە نوپۇسنىڭ 40% ئى تەربىيەلەش مەركىزىدە»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.06.12
herbiy-saqchi-uyghur-boway.jpg ئۇيغۇر بوۋاينىڭ كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ چىنىۋاغ ساقچى خادىمى، بازار ئىچىدىكى يېڭى شەھەر كەنتىدە 1700 نەچچە ئائىلە بارلىقى، بۇلاردىكى نوپۇسنىڭ 40% ئىنىڭ نۆۋەتتە تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ كەنتتە نۆۋەتتە ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭلا لاگېر سىرتىدا قالغانلىقىنى بايان قىلغان مەزكۇر ساقچى خادىمى، كەنتتىكى دېھقانچىلىقنى ياشانغانلار قىلىۋاتقانلىقى، بەزى پەقەتلا ئەمگەك كۈچى قالمىغان ئائىلىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كەنت يىغىۋېلىپ باشقىلارغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، چىنىۋاغ ساقچىخانىسى قاراقاش ناھىيە بازىرىدىكى بىرقانچە ساقچىخانىدىن بىرى. ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان چىنىۋاغ ساقچىخانىسىغا، قاراقاش بازىرىغا قاراشلىق 24، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ 11 ئى ۋە 2 ئاھالىلەر رايونى قارايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىشەھەر كەنتىدە 1700 نەچچە نوپۇس بار بولۇپ، بۇ نوپۇسنىڭ نۆۋەتتە 40% ئى يىغىۋېلىش لاگېرىدا. يەنە ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ساقچىخانىغا قاراشلىق باشقا كەنتلەرنىڭ بەزىلىرىدىن يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئاپىرىلغانلار 40% دىن تۆۋەن، بەزىلىرىنىڭ بولسا 40% دىن يۇقىرى.

ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا يېڭىسارنىڭ 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپلۇق يېزىسىدىن 2000 ئادەمنىڭ، يەنى نوپۇسنىڭ 15% نىڭ، قاراقاشنىڭ 34 مىڭ نوپۇسلۇق پۇرچاقچى يېزىسىدىن 5000 چە كىشىنىڭ، يەنى نوپۇسنىڭ 15% نىڭ، توققۇزاقنىڭ 33 مىڭ نوپۇسلۇق بۇلاقسۇ يېزىسىدا 3314 كىشىنىڭ، يەنى نوپۇسنىڭ 10% نىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. قاراقاش ئاقسارايدىكى كەنت سېكرېتارى، شۇ چاغدا نوپۇسنىڭ 40% نى تەربىيەلەشكە ئاپىرىش دەپ ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ بولمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بىز يەنە قاراقاشنىڭ باشقا يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ لاگېرغا ئاپىرىلىش نىسبىتىنى ئۇقۇپ بېقىش ئالاقىدار ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.