كورلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاز دېگەندە 2100 چە كىشىنىڭ قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.09.28
ikki-yuzlimichi-sazayi.jpg ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى دىنىي زات» دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، ئامما ئالدىدا سازايى قىلىنىۋاتقان ئەبەيدۇللا ياسىن ھاجىم. 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
xjakt.gov.cn

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا غۇلجا ناھىيەلىك «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئاز دېگەندە 1500 كىشى، يېڭىسار ناھىيەلىك «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە توپلۇق يېزىسىدىنلا 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىدا كورلىدىمۇ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ 3 ئورۇندا بارلىقى، بۇنىڭ ھەر بىرىدە 700 دىن، ئاز دېگەندە 2100 چە كىشىنىڭ سولىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

بىز كورلادىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنى يىغىۋېلىش يىغىنى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كورلادىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە كېسىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، كورلانىڭ قارايۇلغۇن يېزا، قارايۇلغۇن كەنتىدە جەمئىي 86 كىشى تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن. قارايۇلغۇننىڭ ئارابۇغرا كەنتىدە بولسا 200 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلار ئارىسىدا سابىق مەھبۇسلار، چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر، چەتئەلنى ساياھەت قىلىپ كەلگەنلەر، تەبلىغ ئاڭلىغانلار، تەشكىلسىز ھەج قىلىپ كەلگەنلەر بار بولۇپ، ئومۇمەن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش خاھىشى بار» دەپ قارالغان كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن.

تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار ئىچىدە يەنە ئاياللار ۋە ياشانغانلارمۇ بار. كەنت سېكرېتارلىرى يەنە ئۆز كەنتلىرىدىن تۇتۇپ تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ كىملىكلىرى ۋە بەزىلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە ئاتالمىش «جىنايى ھەرىكىتى بار» لار تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە، يەنى قاماقخانىغا؛ «جىنايى ھەرىكىتى يوق، ئەمما جىنايى خاھىشى بار» لار «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ بېرىلغان. ئاشكارىلىنىشىچە، «تەربىيەلەش مەركىزى» دە جىنايى خاھىشى ئۆزگەرمىسە، ياكى يېڭى جىنايى ھەرىكەتلىرى پاش بولسا، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلمەكتە.

ئاشكارىلىنىشىچە، كورلادا «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىن 3 ئورۇندا تەسىس قىلىنغان، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە 700 دىن ئاز دېگەندە 2100 چە كىشى سولىنىپ ياتماقتا. بەزى تۇتقۇنلار ئائىلىسىدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يوقلۇقىنى، بۇ مەركەزدە سولىنىپ تۇرۇشنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرىگە پىسەنت قىلمىغان. دائىرىلەر، بۇ مەركەزلەردىكى ئىجرائاتىنى «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» دەپ ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېپىق مەركەزلەرگە «ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش مەركىزى» دەپ نام بەرگەن ۋە ۋىۋىسكا ئاسقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.