كانادانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە سۆز قىلغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چارلېز بۇرتون ئەپەندىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدىكى سۈرىتى

RFA

ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا كانادا ۋەكىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. بۇنىڭ بىلەن كانادا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نى تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان بىر دۆلەت بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، كانادا ۋەكىلىنىڭ ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟ بۇ كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسرلەرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ئەلچىسى، دوكتور چارلىز بۇرتون ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
22- مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى داۋامىدا دوكلات بەرگەن كانادا ۋەكىلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى بېسىم سىياسىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ تۇغما كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن ئۇشنى ئىزدىگەن شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىق ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۇرۇنۇشىدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىلەرگە سولانغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»
كانادا ۋەكىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى قۇرغانلىقى ۋە بۇ ئورۇنلارغا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى سولىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشى بىلەن بۇ مەسىلە تۇنجى قېتىم ب د ت يىغىنىدا بىر دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە ئېغىزغا ئېلىنىشى شۇنداقلا خىتاينىڭ مەزكۇر مەسىلە تۈپەيلى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى بولۇپ قالغان.
كانادا بروك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى قانۇن پروفېسسورى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق باش ئەلچىسى شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور چارلىز بۇرتون ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل قىزىقىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەربابلارنىڭ بىرى. بىز ئۇنىڭدىن كانادا ۋەكىلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى قۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىغا نېمىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكە بولغانلىقىنى سورىدۇق.
چارلىس بورتۇن ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «كانادا ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ھالدا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىشلار كانادا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.»
-كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتتا قايسى خىل ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ئاساس قىلدى؟
«بىزنىڭ خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىدىنمۇ خەۋىرىمىز بار، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە كانادا گراژدانى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىلىرى شۇنداقلا ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق ھوقوقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە تەھدېتگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەرز، شىكايەتلىرى ئەلبەتتە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن زىيارەتلىرىمۇ ئىنكاس قوزغىدى. كانادادىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقلىرىنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىگە كۈچلۈك دىققەت ۋە ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە.»
-بۇ ھەقتە ئۆزىڭىزمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟
«ئەلۋەتتە، مەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي-كانادا مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار بىلەن تونۇشلۇق. بۇ جەرياندا كانادادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىمىز بار، كانادا گراژدانلىقىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى قاتارلىق ھەق- ھوقۇق مەسىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ئەلۋەتتە بىزنىمۇ ئەندىشىلەندۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك مەسىلىلىرى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ، ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كانادا خەلقارا جەمئىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرايدىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشە ۋە ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلدى.»
-كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتايغا قارشى قىلغان بۇ ئىنكاسى قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ ؟
«بۇ ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كانادا خىتاي ئۆتتورسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەرگە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ ئويلايمان. كانادا ھۆكۈمىتى كانادالىقلارنىڭ پىكىر قاينىمىدىكى كۆپ سانلىق قارشى تۇرۇش ئاۋازىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. كانادا خەلقىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان نارازىلىقى يۇقىرى ئاۋازنى ئىگىلىگەندە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا، تىجارى مۇناسىۋەتلىرگىمۇ رىقابەت پەيدا قىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىشى بۇ كاناداغا كۆچمەن بولغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق. بۇ خەلقئارالىق دىققەت قوزغايدىغان مەسىلە.»
-كانادانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاشكارا كۆڭۈل بۆلۈشى كەلگۈسى خىتاي بىلەن كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن ؟
«كانادانىڭ خىتايغا قارشى ئىنكاسىنىڭ نۆۋەتتە كاناداغا تولىمۇ سەبىي تەسرلىرى بولماقتا، چۈنكى خىتاي كانادانى نېفىت ۋە يەر ئاستى مەدەن بايلىقلىرىغا مەبلەغ سالىدىغان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت دەپ كۆرىدۇ. خىتاي كاناداغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەكرەك قىزىقىدۇ ۋە شۇنداقلا، كانادا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي جۇغراپىيىۋى سىياسەت جەھەتتىنمۇ كانادانى مۇھىم بىلىدۇ. كانادانىڭ خىتايغا قارىتا ھەر قانداق سىياسىي جەھەتتىكى دىققەت ۋە ئىنكاسى ئىككى دۆلەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يەنە دېمۇكراتىيىەنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلغان، قىممەت قارشى ئوخشاش بولغان خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىدىن قايتۇرۇلغان بىر ئىنكاس. بۇ خىتاينىڭ ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدا بىر سىگنال بولالىشى كېرەك.»
- ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەردە قانداق بىر كۆز قاراش ياكى ئەندىشىڭىز بار ؟
«مەن كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلىشىنىڭ خىتاينىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمەن. بولۇپمۇ كانادا زېمىنىدە تۇرۇپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تەھدېدىگە ئۇچرىشى ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلارلىق مەسىلە. بۇ كانادانىڭ قانۇنلىرىغا، دېموكراتىك تۆۈزۈملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. كانادا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى بۇ مەسىلىگە جىددىي دىققەت بېرىشى ۋە لايىق بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دىنىي ئەركىنلىك، تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، بۇ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلارنى جازالاشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە خىتايدىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقوقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلار چېكىۋاتقان زۇلۇمىنى ئازايتىش چاقىرىقى ياكى ئىنكاسى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم كانادا ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بار ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ نارازىلىقىنى ئاڭلىتىشنى توختاتماسلىقى، يەنىمۇ زور جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش يوللىرىنى ئىزدىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن.»

كانادانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە سۆز قىلغان
ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا كانادا ۋەكىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. بۇنىڭ بىلەن كانادا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نى تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان بىر دۆلەت بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، كانادا ۋەكىلىنىڭ ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟ بۇ كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسرلەرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ئەلچىسى، دوكتور چارلىز بۇرتون ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
22- مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى داۋامىدا دوكلات بەرگەن كانادا ۋەكىلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى بېسىم سىياسىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ تۇغما كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن ئۇشنى ئىزدىگەن شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىق ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۇرۇنۇشىدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىلەرگە سولانغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»
كانادا ۋەكىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى قۇرغانلىقى ۋە بۇ ئورۇنلارغا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى سولىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشى بىلەن بۇ مەسىلە تۇنجى قېتىم ب د ت يىغىنىدا بىر دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە ئېغىزغا ئېلىنىشى شۇنداقلا خىتاينىڭ مەزكۇر مەسىلە تۈپەيلى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى بولۇپ قالغان.
كانادا بروك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى قانۇن پروفېسسورى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق باش ئەلچىسى شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور چارلىز بۇرتون ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل قىزىقىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەربابلارنىڭ بىرى. بىز ئۇنىڭدىن كانادا ۋەكىلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى قۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىغا نېمىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكە بولغانلىقىنى سورىدۇق.
چارلىس بورتۇن ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «كانادا ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ھالدا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىشلار كانادا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.»
-كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتتا قايسى خىل ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ئاساس قىلدى؟ «بىزنىڭ خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىدىنمۇ خەۋىرىمىز بار، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە كانادا گراژدانى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىلىرى شۇنداقلا ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق ھوقوقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە تەھدېتگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەرز، شىكايەتلىرى ئەلبەتتە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن زىيارەتلىرىمۇ ئىنكاس قوزغىدى. كانادادىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقلىرىنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىگە كۈچلۈك دىققەت ۋە ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە.»
-بۇ ھەقتە ئۆزىڭىزمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟
«ئەلۋەتتە، مەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي-كانادا مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار بىلەن تونۇشلۇق. بۇ جەرياندا كانادادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىمىز بار، كانادا گراژدانلىقىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى قاتارلىق ھەق- ھوقۇق مەسىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ئەلۋەتتە بىزنىمۇ ئەندىشىلەندۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك مەسىلىلىرى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ، ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كانادا خەلقارا جەمئىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرايدىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشە ۋە ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلدى.» -كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتايغا قارشى قىلغان بۇ ئىنكاسى قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ ؟
«بۇ ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كانادا خىتاي ئۆتتورسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەرگە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ ئويلايمان. كانادا ھۆكۈمىتى كانادالىقلارنىڭ پىكىر قاينىمىدىكى كۆپ سانلىق قارشى تۇرۇش ئاۋازىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. كانادا خەلقىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان نارازىلىقى يۇقىرى ئاۋازنى ئىگىلىگەندە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا، تىجارى مۇناسىۋەتلىرگىمۇ رىقابەت پەيدا قىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىشى بۇ كاناداغا كۆچمەن بولغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق. بۇ خەلقئارالىق دىققەت قوزغايدىغان مەسىلە.»
-كانادانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاشكارا كۆڭۈل بۆلۈشى كەلگۈسى خىتاي بىلەن كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن ؟
«كانادانىڭ خىتايغا قارشى ئىنكاسىنىڭ نۆۋەتتە كاناداغا تولىمۇ سەبىي تەسرلىرى بولماقتا، چۈنكى خىتاي كانادانى نېفىت ۋە يەر ئاستى مەدەن بايلىقلىرىغا مەبلەغ سالىدىغان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت دەپ كۆرىدۇ. خىتاي كاناداغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەكرەك قىزىقىدۇ ۋە شۇنداقلا، كانادا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي جۇغراپىيىۋى سىياسەت جەھەتتىنمۇ كانادانى مۇھىم بىلىدۇ. كانادانىڭ خىتايغا قارىتا ھەر قانداق سىياسىي جەھەتتىكى دىققەت ۋە ئىنكاسى ئىككى دۆلەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يەنە دېمۇكراتىيىەنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلغان، قىممەت قارشى ئوخشاش بولغان خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىدىن قايتۇرۇلغان بىر ئىنكاس. بۇ خىتاينىڭ ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدا بىر سىگنال بولالىشى كېرەك.»
- ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەردە قانداق بىر كۆز قاراش ياكى ئەندىشىڭىز بار ؟
«مەن كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلىشىنىڭ خىتاينىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمەن. بولۇپمۇ كانادا زېمىنىدە تۇرۇپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تەھدېدىگە ئۇچرىشى ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلارلىق مەسىلە. بۇ كانادانىڭ قانۇنلىرىغا، دېموكراتىك تۆۈزۈملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. كانادا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى بۇ مەسىلىگە جىددىي دىققەت بېرىشى ۋە لايىق بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دىنىي ئەركىنلىك، تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، بۇ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلارنى جازالاشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە خىتايدىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقوقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلار چېكىۋاتقان زۇلۇمىنى ئازايتىش چاقىرىقى ياكى ئىنكاسى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم كانادا ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بار ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ نارازىلىقىنى ئاڭلىتىشنى توختاتماسلىقى، يەنىمۇ زور جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش يوللىرىنى ئىزدىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت